ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا: «13 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ھەم ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، دېيىلدى. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا: تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىنى شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتىغا سىڭدۈرۈش كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان چوڭقۇر ئىسلاھات بولۇپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىشقا يېتەكلەيدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم زىددىيەت ۋە مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماي، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر يۈرۈش يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، «يەتتىدە چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى تەدبىرلەر شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە، 18 - قۇرۇلتايدىن بۇيانقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تاكتىكىسىغا، شۇنداقلا تەرەققىىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى باسقۇچ، يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى سەھىپە ئاچتى.
گېزىتىمىزدە بۈگۈندىن باشلاپ ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ «بەش چوڭ ئىدىيە ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەش» سەھىپىسىنى ئېچىپ، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان تىپلار ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتنى خەۋەر قىلىپ، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر يېشىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا داۋاملىق يېڭى سەھىپە يارىتىش ئۈچۈن ئىزدىنىمىز.
مۇخبىرىمىز يۆ يەنيۈن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى «خېڭياڭ» تىرانسفورموتور چەكلىك شىركىتى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان، دۇنيا بويىچە تۇنجى ئىجاد قىلىنغان 1000 كىلوۋولتلىق ئۈچ گېنېراتور تىرانسفورموتورى سىناقتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، بىر قېتىمدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ، دۇنيادا ئېنېرگىيە تېجەپ توك يوللاش ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، بۇ ئۈسكۈنە خۈەينەن - نەنجىڭ - شاڭخەي 1000 كىلوۋولتلىق ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق ئۆزگىرىشچان توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى توك مەنبەسى ۋە توك بېسىمى كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ھازىرغىچە، ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتى 130دىن كۆپرەك تۈردە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇھىم تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 40تىن كۆپرەك تۈر دۇنيا بويىچە تۇنجى ئىجادىيەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىلغار تېخنىكىلار ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتىنىڭ كىچىك زاۋۇتتىن دۇنيا كەسىپ ساھەسىدە يۇقىرى پەللىگە يۈكسىلىشىدىكى «ئەڭگۈشتەرى» ھېسابلىنىدۇ.
پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتىنىڭ تەرەققىياتتىكى ھەر بىر قەدىمىگە ھەمراھ بولۇپ كەلدى. ئالاھىدە ترانسفورموتور شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ شىن ئېيتقاندەك، «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتىنىڭ تەرەققىياتتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى، كارخانىنىڭ ئۇنۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كاپالىتى، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنىڭ يادروسى» بولدى.
پەن - تېخنىكىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىگە ئاساسەن، ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتى دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇلۇش تەجرىبىخانىسى، كارخانا تېخنىكا مەركىزى، پوستدوكتورلار ئىلمىي تەتقىقات خىزمەت پونكىتى ۋە ئاكادېمىكلار خىزمەت پونكىتىغا تايىنىپ، يىلدا سېتىش كىرىمىنىڭ %5 ىنى پەن - تېخنىكا تەتقىقاتىغا ئىشلەتتى. شىركەت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق ئۆزگىرىشچان - تۇراقلىق توك، 1 مىليون كىلوۋاتلىق يادرو ئېلېكتىر، سۇ ئېلېكتىر، ئوت ئېلېكتىر ۋە ئوت ئېلېكتىر باش تىرانسفورموتورى قاتارلىق توك يوللاش، بېسىم ئۆزگەرتىش ساھەسىدىكى دۇنياۋى تېمىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، «جۇڭگودا ياسالغان»دىن «جۇڭگودا ئىجاد قىلىنغان»غىچە تۈپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى.
27 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتى مەۋقەنى شىنجاڭغا قويۇپ، ئېنېرگىيەنى ئاساس قىلىپ، «توك يوللاش، بېسىم ئۆزگەرتىش بويىچە يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ياساش، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال»دىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسپىنى يېتىشتۈرۈپ، راۋاجلىنىپ دۇنيانىڭ توك يوللاش، بېسىم ئۆزگەرتىش ساھەسىدىكى باشلامچىغا، ئېلىمىزنىڭ چوڭ تىپتىكى ئاليومىن ئېلېكتىرون، پولىكرىستاللىق سىلىكون (كرېمنىي) يېڭى ماتېرىيالىنى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئېكسپورت قىلىش بازىسىغا، چوڭ تىپتىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك فوتوۋولىت سىستېمىسى سودىگىرىگە ئايلاندى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتى توك يوللاش، بېسىم ئۆزگەرتىش ساھەسىدە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېشىل، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان تېخنىكىغا تايىنىپ، «ئىككى بازار، ئىككى خىل ئېنېرگىيە مەنبەسى»دىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن دۇنيا بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىپ، «جۇڭگونى تەمىنلەش»تىن «دۇنيانى تەمىنلەش»كىچە بولغان ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ھازىر بۇ شىركەت ئامېرىكا، رۇسىيە، بىرازىلىيە قاتارلىق 60تىن كۆپرەك دۆلەت ۋە رايوننى يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكا، ئىشەنچىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى ۋە سىستېما توپى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ؛ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە پىلانى، ئېلېكتىر مەنبەسى، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى. بۇ يۈرۈشلەشكەن تۈرلەر قۇرۇلۇشى ئېلىمىزنىڭ قىممىتى 5 مىليارد دوللارغا يېقىنلىشىدىغان ماشىنسازلىق - ئېلېكتىرون مەھسۇلاتىنى ئېكسپورت قىلىشىغا، 10 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئەقىل ۋە مۇلازىمەتنى چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارادىكى رىقابەت كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇردى.
ھازىر شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا يادرولۇق رايون بەرپا قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتىنى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى يەنىمۇ تېزلىشىدۇ.
«ئېلىمىزدىكى تۇنجى 1100± كىلوۋولتلىق ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق توك يوللاش مەھسۇلاتىنىڭ كىيدۈرمە تۇرۇبىسى، ۋىكليۇچاتېلى ۋە باش تىرانسفورموتورى قاتارلىقلار لايىھەلىنىپ پۈتۈپ، تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى»، دېدى ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتى تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۇڭ تيەنلىن.
ئىگلىنىشچە، ئېلىمىز بۇ تېخنىكىنى ئاساس قىلىپ، شەرقىي جۇڭغار - شەرقىي جۇڭگو(جەنۇبىي ئەنخۈي) 1100± كىلوۋولتلىق ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يوللاش قۇرۇلۇشىنى تاماملايدىكەن، بۇ لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3333 كىلومېتىر كېلىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇش ھازىرغىچە جۇڭگو، ھەتتا دۇنيادا توك يەتكۈزۈش مىقدارى ئەڭ كۆپ، توك يوللاش ئارىلىقى ئەڭ ئۇزۇن، ھالقىپ ئۆتىدىغان رايون ئەڭ كۆپ، تېخنىكىدا ئەڭ كۆپ يېڭىلىق يارىتىلغان 1100± كىلوۋولتلىق ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق ئۈلگە قۇرۇلۇش ئىكەن.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved