جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى : كۇبا زۇڭتۇڭى رائۇل كاسترو شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 17-دېكابىر ھاۋانادا ئامېرىكا قويۇپ بەرگەن ئۈچ نەپەر ئالاھىدە خادىم بىلەن كۆرۈشتى . خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئامېرىكا بىلەن كۇبا تۇيۇقسىز مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇپ ، كۇبا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقىنىغا بەش يىل بولغان ئامېرىكىلىق ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەر ئالان گىرۇس ۋە بىر ئالاھىدە خادىمنى ، ئامېرىكا كۇبالىق ئۈچ ئالاھىدە خادىمنى قويۇپ بەرگەن . ئامېرىكىلىق بىر ئەمەلدار ‹‹گىرۇس ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن قويۇپ بېرىلدى ›› دېگەن .
يەنە باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، بۇ ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، بۇ ئىككى دۆلەت پات ئارىدا مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىكەن ، شۇنداقلا نەچچە ئاي ئىچىدە ئەلچىخانىلارنى قايتىدىن ئاچىدىكەن .
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved