شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ مۇگابې بىلەن سۆھبەتلەشتى

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-دېكابىر خارارىېدا زىمبابۋې زۇڭتۇڭى مۇگابې بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-زىمبابۋېنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئورتاق پىلانلاپ، كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-زىمبابۋې ئىككى دۆلەت سىياسىيدىكى ياخشى دوستلاردىن بولۇپلا قالماستىن يەنە تەرەققىياتتىكى ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-زىمبابۋې دوستلۇقىنى كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن زىمبابۋې ھەقىقىي ياخشى دوست، جۇڭگو-زىمبابۋېنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ، كۈنسېرى مۇستەھكەملەشتى. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات جەريانىدا ئۆز ئارا ياردەملىشىپ، سەمىمىي ھەمكارلاشتى. جۇڭگو قەدىناس دوستىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بۇ قېتىم زىمبابۋېنى زىيارەت قىلىشتىكى مەقسەت، جۇڭگو-زىمبابۋېنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىش ئۈچۈن. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو سىياسەتسىز ئىدىيە ۋە توغرا ئەخلاق قارشىغا داۋاملىق چىن، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، زىمبابۋې بىلەن بىرگە تىرىشىپ، جۇڭگو-زىمبابۋې ئىككى دۆلەتنى باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆز ئارا قوللايدىغان، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق يېڭىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلدىغان ياخشى ھەمراھ، ياخشى دوست، ياخشى بۇرادەرگە ئايلاندۇرىدۇ. جۇڭگو ئىلگىرىكىگە ئوخشاش زىمبابۋېنىڭ مۇستەقىللىقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، زىمبابۋېنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىغا مەدەت بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، پارتىيە، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، يەرلىكنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەر ھەمكارلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو جۇڭگو-زىمبابۋې ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش بىلەن مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشتەك ئەۋزەل تەرەققىياتقا قاراپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى زىمبابۋېغا مەبلەغ سېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئالدى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرى، كانچىلىق كەسىپ زەنجىرى ۋە ياسىمىچىلىق بازىسى بەرپا قىلىپ، ئېلېكتر كۈچى، ئۇچۇر ئالاقىسى، قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە تىجارىتىگە قاتنىشىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، ساياھەت، ياشلار، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-زىمبابۋې دوستلۇقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. بىز زىمبابۋې بىلەن 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىلىرى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردىكى ماس ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تەشكىلاتتا زىچ ماسلىشىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.



خەتكۈچلەر:
02-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: خەلىق تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
     شىنئەن كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ ساقچى تەرەپنىڭ <تېنچ ۋۇخۇ> مىكروبىلوگىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ ئېيتىشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋۇخۇ جام...
27-04-2016
ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكات شىتاتى، دېلاۋىيەر شىتاتى، ماريلاند شىتاتى، پېنسىلۋانىيە شتاتى، رود شىتاتىدا 26- ئاپرېل زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، ئۆي-مۈلۈك ماگىناتى ترۇمپ...
27-04-2016
    سېنگاپور « بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى تاكۇر يېقىندا ھىندىستان زۇڭلىسى مودىغا مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، تاغدەك بېسىلىپ قالغان دېلولارنى بى...
27-04-2016
   ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە سانكى ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىلەن فۇجى ئاخبارات تورى يولغا قويغان ئەڭ يېڭى جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئابى شىنزو ئىچكى كابېنتىنىڭ 4-ئايدىكى قوللاش نى...
27-04-2016
    فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسنىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىنىڭ جەنۇبىدىكى رادىكال تەشكىلات «ئابۇشايۇف» 4- ئاينىڭ 25- كۈنى 68 ياشلىق كانادالىق تۇتقۇننى ئۆلتۈرىۋەتكەن، ئەمما نۆۋەتتە مەزكۇ...
27-04-2016
     26-ئاپرېل، گېرمانىيە خەنسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مۇنۇلارنى جاكارلىغان: يەر يۈزىدىكى مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئىش تاشلىشىنىڭ  تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، شىركىتىمىز 27-ئاپرېلدىكى 900 گە يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئە...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇسى CNBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىيۇكسۇمبۇرگ يېقىندا بىت كويىن سودا شىركىتى Bitstamp نىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى تەستىقلىدى، بۇ ياۋروپادىكى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قوبۇل قىلغان تۇنجى بىت كويىن سودا ئورگى...
27-04-2016
    ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى تەسىرىدىن ۋېنسۇئېلا ئېغىر ئېلېكتىر كۈچى كرىزىسىغا دۇچ كەلدى. فرانسىيە «فىگارو گېزىتى»نىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتى شۇ جاي ۋاقتى ...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شۇ يەر ۋاقتى 26-چېسلا مۇنداق دېگەن: ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش جېڭىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر...
27-04-2016
    تەيۋەن بىرلەشمە ئاخبارات تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەنگىلىيەنى ياۋرپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەنگىلىيە ئەلرايى تەكشۈرۈش ئورگەنلىرىنىڭ ...
Powered by Leglek