خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئامېرىكا ‹‹بوستۇن دۇنيا گېزىتى››نىڭ 1-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئوكۇمادىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر يېقىندا قاتتىق غەزەپلەنگەن. چۈنكى ھۆكۈمەت يادرو رادىياتسىيەسى بۇلغىنىشىغا ئۇچرىغان 3 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئەخلەتنى ئاھالىلەر ياشايدىغان جايلارغا دۆۋىلەپ قويغان. فۇكۇشىمادا يادرو ۋەقەسى يۈز بەرگىنىگە تۆت يىل بولدى، ياپونىيە 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقىرىپ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىنىڭ رادىياتسىيە سەۋىيەسىنى تۆۋەنلەتكەن. ھەر كۈنى خىزمەتچى خادىملار سۇ بىلەن تاشيوللارنى تازىلىغان، ئۆيلەرنى سۈرتكەن، دەرەخ شاخلىرىنى چاتىغان، شۇنداقلا ئېتىزلاردىكى بۇلغانما توپىلارنى كولاپ ئېلىۋەتكەن. ھازىر بۇ ئەخلەتلەر پىلاستىك خالتىلارغا قاچىلىنىپ، تاشلىۋېتىلگەن شال ئېتىزلىرى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى، ھەتتا ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ ئارقا ھويلىسىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved