دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 30- دېكابر ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە يولغا قويۇلىۋاتقان كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىپ تارقىتىلغان توك باھاسى بىرلەشمە ھەرىكەت مىخانىزىمىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، 2016- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىپ تارقىتىلغان توكنىڭ تورغا چىقىرلىش باھاسى 3 پۇل ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئادەتتىكى سودا-سانائەت ئىشلىرىدا ئىشلىتىلدىغان ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى پۈتۈن مەملىكەت دائىرسىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3 پۇڭ تۆۋەنلەيدىكەن.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىپ تارقىتىلغان توكنىڭ باھاسى ئىزچىل چۈشتى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى توك باھاسىنى تەڭشەش تەدبىرى باھانىڭ مۇھىم ھالقىلارغا قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرشىغا تۈرۈتكە بولۇشىغا پايدىلىقكەن. بۇ تەدبىر يەنە ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ بېسىمىنى يىنىكلىتىپ، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ قويۇپ بېرىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشىنى قوللايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved