دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ تۈرمە: چاۋشيەن تۈرمىسى

     جۇڭگودا ئادەتتىكى جىنايەتچىلەر جىنايەت ئۆتكۈزسە پەقەت ئۇلارنى تۇتۇپ قېلىپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى بېرىدۇ، لېكىن دۇنيادا يەنە نۇرغۇنلىغان ئاڭلاش بىلەن تەڭ قورقۇپ ھوشىنى يوقاتقۇدەك قەبىھ تۈرمىلەر بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئەڭ قەبىھ ھېسابلىنىدىغىنى چاۋشيەندىكى تۈرمە- خۇينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرى.   چاۋشيەن بېكىنمىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزگەچكە، سىرتقى ساھەدىكىلەر سېسىق نامى پۈركەتكەن خۇينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرى ئىنتايىن ئاز، ئۇ ئادەتتە «22-نومۇرلۇق لاگېر» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سىياسىي جىنايەتچىلەرنى ئۆمۈرۋايەتلىك سولايدىغان تۈرمە بولۇپ يەنى «ھالاكەت لاگېرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇنى فاشىسىت گېرمانىيە ۋاقتىدىكى يەھۇدىيلارنى سولايدىغان ئوسۋېتسىم لاگېرى بىلەن سېلىشتۇرساق ئارتۇق كەتمەيدۇ.

    سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان رەسىمدە كۆرستىلىشچە، بۇ ئىچىگە 50 مىڭ مەھبۇس سىغىدىغان خۇينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرى بىر چوڭ تىپتىكى بازا بولۇپ، ئىگىلىنىشچە، بۇنىڭ ئىچىدە سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغان ئائىلىلەردىن ئۈچ ئەۋلادقىچە بولغان كىشىلەر قاماقلىق بولۇپ، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق سىياسىي ئىدىيەسى مەركەز بىلەن بىردەك بولمىغان كىشىلەر پۈتۈنلەي تازىلىنىپ يوقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

   خۇينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك بولغان جازالاش ئۇسۇللىرى:

بىرىنچىسى: مىخلىق ئاياغ كىيدۈرۈپ جازالاش. بۇنىڭدا مىخلىق ئاياغ پۇتىغا كىيدۈرۈلۈپ پەقەت پۇتىنىڭ بارمىقىدىلا دەسسەشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ ھەمدە قولى بىلەن بېشىغا تاقاق سېلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا پۇتىنىڭ بارمىقى بەرداشلىق بېرەلمىگەن ھامان ئاياغنىڭ ئىچىدىكى پولات مىخ تاپىنىغا كىرىپ كېتىدۇ.

 ئىككىنچى: بىدئەت دىنلاردىكى ئۇچلۇق ئارا، بۇ قاتتىق جازا قوللىنىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپ، ئىككى بېشىغا ئۇچلۇق ئارا تۆمۈر سەپلەنگەن بىر تۆمۈر كالتەك. بۇنىڭ بىر بېشى تاسما بىلەن بويۇن قىسمىغا باغلىنىدۇ، ھەمدە ئۇچلۇق ئارا قىسمى ئاستىن ئېڭەككە سانجىلىدۇ، يەنە بىر بېشى بولسا كۆكرەك قىسمىغا توغرىلىنىدۇ. پەقەت بويۇنىنى سوزغاندىلا ئاندىن ئازابنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، بۇنداق جازالاش ئۇسۇلى مەھبۇسلارغا زور ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ.

 ئۈچىنچىسى: سۇغا چۆكتۈرۈش، بۇ ئاساسلىقى ئاياللارغا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا جىنايەتچىنى دەرياغا ياكى چوڭ چېلەك ۋە ياكى كۆلچەكنىڭ سۈيىگە چىلاپ قويۇلىدۇ ياكى چۆكتۈرۈپ قويۇلىدۇ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن ئۇنىڭغا ئىقرار قىلىش پۇرسىتى بېرىلىدۇ. ئەگەر ئۇ ئىقرار قىلسا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئەگەر ئىقرار قىلمىسا داۋاملىق سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ.

 تۆتىنچىسى: چوڭ ئۆتۈك. بۇنىڭدا جىنايەتچىنىڭ پۇتى ئىككى دانە قېلىن ياغاچ تاختاي ئارىسىغا قىستۇرۇلۇپ ئاندىن ئارغامچا بىلەن مەھكەم باغلىنىدۇ. سوراق قىلغۇچى ياغاچ تاختاي ئۈستىدىن جىنايەتچىنىڭ پۇتىغا قارىتىپ قوزۇق قاقىدۇ. ھەر بىر قېتىم قوزۇق ئۇرغاندا قوزۇقنىڭ ئۇچى قىسمىدىكى پۇتنىڭ سۆڭىكى سۇنۇپ پارە-پارە بولۇپ  كېتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئاز دېگەندىمۇ پۇت قىسمىغا 12 دانە قوزۇق قېقىلىدۇ. تاختاي بوشىتىلغاندىن كېيىن پۇتنىڭ سۆڭىكى ئۇۋۇلۇپ خۇددى خالتىغا قاچىلانغان ئۇندەك بولۇپ كېتىدۇ.

  بەشىنچىسى: سۇ جازاسى، بۇ يېقىنقى زاماندا پەيدا بولغان بىر خىل قىيناش ئۇسۇلى. بۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدىكى ياپونىيە ئەسكەرلىرى جىنايەتچىلەرنى قىيناشتىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇل. جاللاتلار پولات سىم تور ۋە لۆڭگە بىلەن جىنايەتچىنىڭ ئېغىزىنى ئىتىۋالىدۇ. ئارقىدىن جاللات سۇلياۋ شىلەڭكە ئارقىلىق جىنايەتچىنىڭ بۇرنىدىن سۇ قۇيۇپ قورسىقىنى كۆپتۈرىدۇ. سۇ قويۇپ بولغاندىن كېيىن، جاللات جىنايەتچىنىڭ قورسىقىغا قاتتىق تىپىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاشقازان قىسمى پارتلايدۇ، ئارقىدىن ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىنى ئۆلۈمدىن باشقا نەرسە ئەمەس بولىدۇ.

  ئالتىنچىسى: پىچاق بىلەن تېرىسىنى شۈلۈش

  يەتتىنچىسى: بەدىنىنى تارتىش

  سەككىزىنچىسى: ئاتقا سۆرىتىش قاتارلىقلار.



خەتكۈچلەر:
22-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-05-2016
فرانسىيە فىگارو گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيەدىكى بىر قانچە ئەمەلدار نەچچە كۈن ئىلگىرى گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلنى ئەيىبلەپ: مېركىل ياۋروپانى تۈركىيەنىڭ كونتروللىقى ئاستىغا چۈشۈرۈپ قويدى ۋە ياۋروپا ئىتتىپا...
16-05-2016
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترۇمپ ئەزەلدىن تاراتقۇلارنىڭ باش تېمىسىغا ئايلىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان ئەمەس. ترۇمپ يېقىندا كۈندىن-كۈنگە قىزىپ كېتىۋاتقان ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش-چىقماسلىق...
16-05-2016
ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇدىنىڭ ئانىسى ئالدىنقى ھەپتە يېڭى دېھلىغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، مۇدى يەكشەنبە كۈنى تىۋىرىدا ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلغان. سۈرەتتە مۇدى 90 ياشقا كىرگەن ئانىسىنى چاقل...
16-05-2016
ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنى قىرغىزىستان بولغان بۇلغانغان بەرەڭگە ۋەقەسى ئىلگىرى-ئاخىرى 9 قېتىم بولۇپ، يۈز بەرگەن. قىرغىزىستاندا ئىشلەنگەن بەرەڭگە يىپچە قۇرت كېسەللىكى سەۋەبلىك ئادەم تېنىگە ئېغىر زىيان سالىدۇ؛ بىرلا ۋاقىتتا يەنە بەرەڭگە ...
16-05-2016
5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ياپونىيىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يوكوي خىرو بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. 61 ياشلىق يوكوي خىرو ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋازارىتى...
16-05-2016
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ھىندىستان ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىلغان بىر كېمە شۇ جاي ۋاقتى 14- ماي كېچىدە مەزكۇر دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسىمىغا جايلاشقان غەربىي بېنگال شىتاتىدىكى بىر دەريا ئېقىنىدا چۆكۈپ كەت...
16-05-2016
ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى تور بېكىتىنىڭ 3-ماي خەۋىرى: ئۇزۇن قۇلاق ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 4-ماي تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى شېنگىن مەملىكەتلىرى رايونىغا ۋىزىسىز كىرىشىنى شەرتلىك تەستىقلىماقچى بولغان. ...
16-05-2016
5-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئىراق باغدادنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپى رايونى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى تەبىئىي گاز زاۋۇتىدا ئوت ئۆچۈرمەكتە. ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەمەلدارىنىڭ 15-ماي ئېيتىشىچە، پايتەخت باغدادنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى بىر...
16-05-2016
ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىئو شىركىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 16- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېيتنام پايتەختى خانويغا جايلاشقان ۋېيتنام ئاۋانگارت بانكىسىنىڭ 15- ماي بىلدۈرۈشىچە، 2015- يىلى 4- پەسىلدە بۇ بانكا خاككېرلارنىڭ يەر شارى پۇل مۇئامىلە تېلې...
16-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 15- مايدىكى تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ياۋروپادىكى بەش دۆلەتنىڭ رەھبىرى رۇسىيەنىڭ بالتىق دېڭىزىدىكى ھەربىي ئىشلار كېڭەيمىچىلىكىگە دىققەت...
Powered by Leglek