ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) مۇنۇلارنى بىلدۈرۈپ: بىر جۇڭگو پۇقراسى 2009-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئىرانغا مۇھىم بولغان يادرو تېخنىكىسى تەمىنلەپ بېرىشنى پىلانلىغان، دېگەن. ئامېرىكا ۋاشىنگتون تاراتقۇلىرىنىڭ 21-دېكابىردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئىران يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يادرو قورالىغا ئىشلىتىدىغان ماتېرىياللارغا ئىزچىل قىزىقىپ كەلگەن، گەرچە ئۇلار يادرو پىلانىنى تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ يەنىلا شۇنداق قىلىۋەرگەن.
خەۋەردە دېيىلىشچە، فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى مۇنداق دېگەن: 35 ياشلىق جۇڭگو پۇقراسى چېڭ سىخەي ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا سوت مەھكىمىسىدە ئىككى تۈرلۈك جىنايىتى ئېتىراپ قىلدى، ئۇ ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ يادرو ماتېرىياللىرىنى ئامېرىكىدىن ئەتكەس قىلىپ ئىرانغا توشۇغان.
چېڭ سىخەي يەنە تۆت تۈرلۈك «ئامېرىكىدا ياسالغان بېسىم سېنزور ئەسلىھەسىنى ئىرانغا قانۇنسىز ئېكسپورت قىلغان» دېگەن جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشچە، تەكشۈرۈش ئىدارىسى باياناتتا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: چىڭ سىخەي دەسلەپتە 2013-يىلى شىكايەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ جىنايىتى «ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن يۇقىرى تېخنىكىلىق يادرو ماتېرىياللىرىنى ئىرانغا توشۇغان». چېڭ سىخەي بىلەن بىرگە شىكايەت قىلىنغانلاردىن يەنە بىر ئىران پۇقراسى ۋە ئىككى ئىران ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىمۇ بار.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved