چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ دېيىشىچە شىمالىي كورىيە (چاۋشىيەن) جەنۇبىي كورىيەنى «سىياسىي نىجىس» دەپ ئاتاشقا ئامراق ئىكەن، پرېزىدېنت پارك گېنخېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي كورىيە رەھبەرلىرىنى «داشقال» دەپ ئاتايدىكەن. بۈگۈنكى كۈندە، ئېنىقلا ئۆزنىڭ كۆزگە ئىلمايدىغان پوزىتسىيەسىنى گەۋدىلىك بىلدۈرۈش ئۈچۈن، شىمالىي كورىيە جەنۇبىي كورىيەگە بىنورمال نەرسىلەر قاچىلانغان گاز شارىنى قويۇپ بېرىشكە باشلىغان. جەنۇبىي كورىيە ساقچىلىرىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بۇ نەرسىلەردە تاماكا قالدۇقلىرىمۇ بار ئىكەن.
ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» تور بېتىنىڭ 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورىيە 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 4-قېتىم يادرو سىنىقى قىلغاندىن كېيىن، جەنۇب شىمالىي كورىيەلەر ئەسكەرلەر قاتتىق قوغداۋاتقان چېگرا لىنىيەسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە قارىتا تەشۋىقات ئۇرۇشىنى زورايتقان. جەنۇبىي كورىيە چوڭ قۇۋۋەتلىك يۇقىرى ئاۋازلىق كاناي بىلەن مودا مۇزىكا ۋە شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنغا قاراتقان قاتتىق تەنقىدلەرنى قويغان. شىمالىي كورىيە بولسا گاز شارى بىلەن جەنۇبىي كورىيەگە تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتقان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، گاز شارى بەلگىلىك مۇددەتتە پارتلايدىغان بولۇپ، ئارقىدىن نەچچە مىڭلىغان تەشۋىقات ۋارىقى چېچىلىپ چىقىدىكەن، بەزى تەشۋىقات ۋاراقلىرىدا پارك گېنخېينى «ئەخلاقى بۇزۇق پرېزىدېنت» دېگەن.
براق بەزى ۋاقىت بەلگىلىگۈچلەر نورمال رولىنى جارى قىلدۇرالماي، گاز شارىغا قاچىلانغان نەرسىلەر جەنۇبىي كورىيە چېگرا رايونىدىكى بىر قىسىم كەنتلەردە ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى ياكى ماشىنىلارغا چۈشۈپ كەتكەن. ئارمىيە ۋە ساقچىلار گاز شارى قالدۇقىنى تەكشۈرگەندە، قاچىلانغان نەرسىلەردە ئۇلار ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان نەرسىلەرنى بايقىغان.
بىر ساقچى باشلىقى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى بىلدۈرۈپ:«بىز ئىچىگە تاماكا قالدۇقى دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ قاچىلانغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز» دېدى. بىراق ئۇ تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، يۇقىرى ئاۋازلىق كاناي ۋە تەشۋىقات گاز شارى جەنۇب ۋە شىمالىي كورىيەلەرنىڭ سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پىسخىكا ئۇرۇش قورالى ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved