ئۆتۈپ كەتكەن نەچچە ئون يىل ئىچىدە نۇرغۇن دۆلەتلەردە بىر- ئىككى كۈنلۈك ھەپتە ئاخىرى بولدى. ھەپتە ئاخىرى بولسا كۈنلەپ خىزمەت قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئېنىرگىيە تولۇلايدىغان مۇھىم كۈن، ھەم ئۇلار بۇ كۈندە ئىشلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلايدىغان پۇرسەتكە ئېرىشىلەيدۇ.
پىروگراممىرلىق(ئاچقۇچىلار ياكى يۇمشاق دېتال ئىنژېنېر) بولسا باشقا كەسىپلەرگە قارىغاندا ئالاھىدە كەسىپ بولۇپ، گەرچە نۇرغۇن كەسىپلەر كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلسىمۇ. ئىلھام بولسا «مۇۋاپىقىيەت قازانغلار كىشلەر ھەپتە ئاخىرىدا قىلىدىغان 14 ئىش» دىن كېلىدۇ،Jacquelyn Smith تەرىپىدىن يېزىلغان. تۆۋەندىكىسى بولسا مەن يەكۈنلەپ چىققان پىروگراممىرلا ھەپتە ئاخىرى قىلسا بولىدىغان پايدىلىق ئىشلار
1. ۋاقتىڭىزنى ئائىلىڭىزگە ۋە دوستلىرىڭىزغا بېرىڭ
تېخنىكا ساھەسىدىكى پىروگراممىرلار ئادەتتىكى كۈنلەردە ناھايىتى ئالدىراش ئۆتىدۇ، شۇڭا ھەپتەئاخىرى بولسا ئائىلىدىكىلىرى بىلەن ۋە دوستىلىرى بىلەن بىللە بولىدىغان مۇھىم ۋاقىت. بۇمۇ باشقا ساھادىكىلەر ئۈچۈنمۇ ھەم ئورتاقتۇر.
2. كومپيۇتېرسىز كۈن(بىر كۈن كومپيۇتېرغا يېقىن كەلمەڭ)
ئىلگىرى بەزىلەر تېخنىكا بولمىغان كۈننى سىناپ باققان، بۇنىڭ مەنىسى بولسا كۈندۈزدە ھېچقانداق تېخنىكا بىلەن ھەپىلەشمەسلىك. كومپيۇتېر بىلەن تەلتۆكۈس ئۇچراشماسلىق ئانچە ئەمەلىي بولماسلىقى مۇمكىن،لېكىن ھېچ بولمىغاندا بەزىلەر بۇنىڭدىن ساقلىنالايدۇ.كومپيۇتېر بىلەن ئۇچراشماسلىق كومپيۇتېر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشنى قىلماسلىق دېگەنلىكتۇر(مەسىلەن:كود يازماسلىق).
3. تالا پائالىيەتلىرى:ساياھەت قىلىش،ۋەلىسپىت مېنىش،يۈگرەش،بېلىق تۇتۇش،قولۋاق ھەيدەش
سىزنىڭ بۇ پائالىيەتلەرنى قىلىش قىلالماسلىقىڭىز بەكلىم سىز ياشاۋاتقان جاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن.ھالبۇكى، ھازىر باغچىلار ھەممە يەردە بار، شۇڭا سىز ھېچ بولمىغاندا ئۇلارنىڭ خالىغان بىرسىنى قىلىشقا تىرىشىڭ.
4. ئۆي ئىشلىرىنى قىلىڭ:تاماق ئېتىش،باغۋەنلىك
بۇ ئىشلارنى سىز ئائىلىدىكىلىرىڭىز بىلەن قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
5. قىزىقارلىق ياكى تېخنىكا كىتابلىرىنى ئوقۇڭ
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە كىتاب ئوقۇش چوڭ مېڭىگە پايدىلىق ئىكەن. كىتاب ئوقۇش سىزنى كىشىلەرنىڭ مەقستىنى چۈشىنىدىغان،جەلىپكار، ساپالىق، ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە تەسىر قىلىدىغان كىشىلەردىن قىلالايدۇ، ھەم يەنە سىزنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىڭىزنىمۇ ئاشۇرىدۇ، تەپەككۇرىڭىزنى ئۆتكۈر قىلىدۇ. كىتاب ئۇقۇش ئۈچۈن جىمجىت مۇھىت بەكمۇ مۇھىم بولىدۇ، سىز بۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپكە ياكى ئاممىۋى كۈتۈپخانىلارغا بېرىپ كىتاب ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.
6. خاتىرە يېزىش\بىلوگ يېزىش
يېزىقچىلىق پىكىرىڭىزنىڭ چوڭقۇر،ئېنىق بولىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
7. دىئاگرامما سىزىپ قىيىن ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇرۇڭ
ئەگەر يېزىقچىلىق كونا ئۇسۇل بولسا، ئۇنداقتا سىز قىزىقارلىق دىئاگراممىلارنى سىزىڭ، قەغەزگە سىزسىڭىزمۇ بولىدۇ. تور مۇھىتىدا چىرايلىق رەسىملەرنى سىزغىلى بولىدىغان تور قوراللىرىمۇ ھەم نۇرغۇن،
مەسىلەن: Lucidchart,infographics
,MindMeister,Sea Quail DatebaseDiagram قاتارلىق قوراللار.
8. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت
ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت سودىگەرلەرگىلا مۇھىم بولۇپ قالماستىن،پىروگراممىرلارغىمۇ ھەم مۇھىم.
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:چاشقان
مەنبە :http://mouse.arzu3.com/?p=768
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2014 by www.leglek.com all rights reserved