ياپونىيە يۇمشاق كۈمۈش شىركىتى 5-ئىيۇن ئادەملەرنىڭ چىراي –ئىپادىسى ۋە ئاۋازىدىن ، ھېسياتىنى پەرق ئېتىپ ، ئادەملەر بىلەن سۆزلىشىدىغان ماشىنا ئادەم ‹‹ Pepper ›› نىڭ 2015-يىلى فېۋرالدا بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خەۋەر قىلىنىشىچە ، بۇ ماشىنا ئادەم 6-ئىيۇندىن باشلاپ ، توكيودىكى كۈمۈش بىنانىڭ يانفون سېتىش دۇكىنىدا خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلغان . يۇمشاق كۈمۈش شىركىتى بۇ ماشىنا ئادەمنى تەدرىجىي ھالدا ياپونىيەدىكى ھەر قايسى دۇكانلارغا سالىدىكەن . ‹‹ Pepper ›› نىڭ باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان باھاسى 198 مىڭ ياپون پۇلى (تەخمىنەن 12 مىڭ خەلق پۇلى) ئىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، ماشىنا ئادەم ‹‹ Pepper ›› ئادەملەرنىڭ چىراي –ئىپادىسى ۋە ئاۋازىدىن ، ئۇلارنىڭ ھېسياتىنى پەرەز قىلىدىكەن. ئۇزۇن مۇددەت ئارلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مىجەز-خۇلقىنى ئىگىلەپ ، تېخىمۇ ياخشى ھەمراھ بولالايدىكەن .يۇمشاق كۈمۈش شىركىتى ‹‹ Pepper ›› نىڭ كىشىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن .
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved