خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇندىكى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيەلىك بىر نەپەر ئېتىبار باھالىق ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى ئۇچۇشتىن بۇرۇن، ئايرودرومدىكى رېمونتچى پلاستىر بىلەن ماتورنىڭ سىرتىنى چاپلىغان. ئىنتايىن ھەيران قالغان يولۇچى بۇ كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتىپ تورغا يوللىغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ تارقىتىشى ۋە غۇلغۇلىسىنى قوزغىغان. ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئىشنىڭ كىشىلەرنى ئورۇنسىز ساراسىمىگە سالغانلىقى ئىسپاتلانغان. بىر قىسىم مۇتەخەسسىلەر بۇ خىل پلاستىرنىڭ ئاۋىئاتسىيەدە مەخسۇس ، ئايروپىلاننى رېمونت قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved