بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 7-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قارشى سۇرىيەلىك ئۆكتىچىلەرگە ياردەم بېرىشتە ھەمكارلاشقانلىقى ھەققىدە قاراشلار مەۋجۇت. دىپلوماتىيە دائىرلىرى بولسا بۇ ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ئامېرىكا خەۋەر ئاگېنتلىقى «بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى» ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قارشى سۇرىيەلىك ئۆكتچىلەرگە ياردەم بېرىش تېمىسىدا كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى ئېيتتى. مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ تۈركىيە ئەمەلدارلىرىدىن نەقىل قىلغان خەۋىرىدە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كېلىشىم ئۆكتىچىلەرگە ئارقا سەپ خىزمىتى ۋە ئىقتىسادى ياردەم بېرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەۋەردە ئامېرىكىنىڭ بۇ كېلىشىمنىڭ سۇرىيەدىكى ئاشقۇن دىندار گۇرۇپپىلارنى كۈچلەندۈرىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئەلجەزىرە تورى دىپلوماتىيە مەنبەلىرىدىن ئېرىشكەن خەۋەردە، يېڭى كېلىشىمنىڭ مەۋجۇتلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر جاۋاب بېرىلمىدى، ئەمما «سۇرىيە مەسىلىسى ھەققىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۇچرىشىشلار مەۋجۇت، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى پوزىتىسيەسى ئوخشىشىدۇ. تۈركىيە بىلەن سەئۇدىنىڭ ھەمكارلىقى داۋاملىشىۋاتىدۇ. تۈركىىيە پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەنلا ئەمەس، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەنمۇ ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ» دېيىلگەن.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېڭى پادىشاھى سەلمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەتتە تاشقى سىياسەتكە ئالاقىدار يىلتىزلىق ئۆزگەرتىش قارارى ماقۇللىغان ئىدى. رىيادنىڭ رەھبەرلىكىدە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمىدە يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى شىئە ھۇسىي قۇراللىقلىرىغا قارشى باشلىغان ھاۋا ھۇجۇم ھەرىكتى بولسا بۇنىڭ ئەڭ ئاشكارا نامايەندىسى. پادىشاھ سەلمان ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە سۇرىيە ۋە ئىراق مەسىلىسىدىمۇ تېز سۈرئەتتە دىپلوماتىيە خىزمىتى يۈرگۈزىۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved