ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ يېڭى جەڭ مەيدانى ئېچىلدى

ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ لىۋىيەدىكى شۆبىسى يېقىندا لىۋىيەدە ئىشلەۋاتقان مىسىرلىق ئىشلەمچىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، مىسىر ھۆكۈمىتى ھاۋا ئارمىيەسىنى ئىشقا سېلىپ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ بۇ رەزىل ھەرىكىتىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، بۇ تەشكىلاتنىڭ لىۋىيەدىكى بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ يېڭى جەڭ مەيدانى ئېچىلدى.
مىسىر ئارمىيە تەرەپ 16- فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مىسىر ھاۋا ئارمىيەسى شۇ كۈنى ئەتىگەندە لىۋىيەدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ مىسىرلىق 21 تۇتقۇننى ئۆلتۈرگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى.


شۇ يەردىكى جامائەتچىلىك تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ ۋەقەنىڭ ئەھمىيىتى ئالاھىدە بولۇپ، بۇ مىسىرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تەدبىرىدە مۇھىم تەڭشىلىش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماستىن، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىدە يېڭى بۇرۇلۇش بولغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. لىۋىيە ئىراق بىلەن سۇرىيەدىن كېيىنكى يېڭى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىدۇ.


ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ لىۋىيەدىكى شۆبىسى 15- فېۋرال ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە لىۋىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مىسىرلىق 21 كۇتبىتلىقنىڭ كاللىسىنى ئالغانلىقى توغرىسىدىكى ئالاھىدە ۋىدېيونى ئېلان قىلدى، بۇ مىسىر ھۆكۈمىتى بىلەن خەلقنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى، زۇڭتۇڭ سېسى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ جىددىي يىغىن ئىچىپ قارشى تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
مىسىر دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ جىددىي يىغىنى ئاخىرلىشىپ بىر قانچە سائەتتىن كىيىن، مىسىر ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى لىۋىيەدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا زەربە بېرىشكە ئەۋەتتى. مىسىر ئارمىيە تەرەپ 16- فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن جايلاردىكى بازىلىرى ، مەشىق قىلىش لاگېرى ۋە قۇرال ئىسكىلاتى قاتارلىقلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇ تەشكىلاتقا ئېغىر زەربە بېرىلدى.


مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 16- فېۋرال لىۋىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ساكىرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: مىسىرنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىلىپ بېرىلدى، ئىككى دۆلەت يېقىندىن ماسلاشقانلىقتىن، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ ئاز دېگەندە 40 ئادىمى ئېتىپ تاشلاندى.
ئۇندىن باشقا، مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن لىۋىيەدىكى تېررورچى تەشكىلاتلارغا كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېررورچى كۈچلەرنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى تەلەپ قىلدى.

 

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: مىسىرنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى بۇ دۆلەتنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا قوراللىق زەربە بېرىشكە بەل باغلىغانلىقىنى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لىۋىيەدىكى توقۇنۇشقا قوراللىق ئارىلاشقانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ ھەرىكەت مىسىرنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي لىنىيەدە تېررورچى كۈچلەر بىلەن ئېلىشقانلىقىنى، بۇ دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلەشكەنلىكىنى ۋە مۇرەككەپلەشكەنلىكىنى كۆرسەتتى.


مىسىر ماكدىس سىياسىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سامىر، كادا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ لىۋىيە شۆبىسىنىڭ مىسىرلىق تۇتقۇنلارنى ئۆلتۈرىشىدە مۇنداق ئىككى مۇھىم مەقسىتى بار. 1-: مىسىرنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان لىۋىيەدىكى دىندىن خالى ھۆكۈمەتنى قوللاپ كەلگەنلىكىدىن ئۆچ ئىلىش، مىسىرنىڭ لىۋىيەگە بەكلا يېقىنلاشماسلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشتىن ئىبارەت. 2-: مىسىردىكى مۇسۇلمانلار بىلەن كۇپۇتلار، دىندىن خالى كۈچلەر بىلەن دىنى كۈچلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، مىسىر جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق سېلىپ، بۇ ئارقىلىق مىسىرغا سىڭىپ كىرىشىدىن ئىبارەت.


مىسىر ئىلگىرى ئىزچىل تۈردە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى شەرقىي قىسىمدىكى سىناي يېرىم ئارىلىغا قارىتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يەردىكى ئېروسالىمنى قوللىغۇچىلار قاتارلىق ئەسەبىي تەشكىلاتقا زەربە بېرىپ كەلگەن ئىدى، بىراق بۇندىن كىيىن لىۋىيەدىكى ئەسەبىي ئۇنسۇرلار مىسىرنىڭ غەربىي قىسىمدىكى چېگرادىن ئۆتۈپ ئۆچ ئىلىش خارەكتېرىدىن ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن، بۇ مىسىرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى قېيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.


مىسىرنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ لىۋىيەدىكى شۆبىسىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇندىن كىيىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەت بۇنىڭغا قاتنىشىشى، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى سۇرىيە بىلەن ئىراققا مەركەزلىشىشتەك ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.


فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ لىۋىيە مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ لىۋىيەدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا يېڭىدىن تەدبىر قوللىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئىتالىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پىنڭدىس مۇنداق دېدى: ئىتالىيە ياۋروپا بىلەن شىمالىي ئافرىقا ئەللىرىدىن تەشكىللەنگەن خەلقئارا كۈچكە رەھبەرلىك قىلىپ لىۋىيەدىكى ئەسەبىي ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىشكە تەييارلىنىپ قويدى.


مىسىرلىق ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن گېنېرال ، ھەربىي ئىشلار مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئادىر، كارا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۆتكەن يىلى 8-ئايدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە، خەلقئارا ئىتتىپاق ، ئىراق ۋە سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، بۇ تەشكىلاتنى ئېغىر زەربىگە ئۇچراتتى. ئەمدى يېڭى ئۇرۇش مەيدانىنى ئىچىش ئارقىلىق خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈچلىرى بىلەن بىرلىشىپ، سۇرىيە بىلەن ئىراقنىڭ قىيىنچىلىقىنى يېنىكلىتىش كېرەك.


ئۇ مۇنداق دېدى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەدە تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ئەتراپتىكى رايونلارغا ئېغىر تەھىدىت ئىلىپ كەلدى. ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇنىڭغا قاراپ تۇرماستىن، تېخىمۇ كۆپ ئەرەب ئەللىرى، ھەتتا ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەدىكى شۈبھىسىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇرۇش مەيدانىنى ئىچىشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
20-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek