ئاق ساراي چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننى چوڭ سايلام مەزگىلدە ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا مۇراجىئەت قىلدى

          ئاق ساراي چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننى چوڭ سايلام مەزگىلدە ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا مۇراجىئەت قىلدى   

     تەيۋەن مىنجىن پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سەي يىڭۋېن

   «يەر شارى تورى خەۋىرى» ئەنگلىيە رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 14-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پات ئارىدا تەيۋەن رايونىدا چوڭ سايلام ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، يەنە كېلىپ مىنجىن پارتىيەسىنىڭ نامزاتى سەي يىڭۋىن سايلامدا غەلىبە قىلىدۇ، دەپ قارالغاچقا، ئاق ساراي جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تەيۋەننى «چوڭ سايلام» مەزگىلىدە ئىككى تەرەپنى ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا، تەيۋەن ۋەزىيەتىنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا مۇراجىئەت قىلغان.

     ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ قوشۇمچە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى رودوس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا:«شەنبە كۈنىدىكى سايلامدا مەيلى كىمنىڭ يېڭىپ چىقىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئامېرىكا تەيۋەن ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئوتتۇرىدىكى مەسىلىلەرنى تىنچ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ»دېگەن.

     رودوس:«بىزنىڭچە، ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشى، ئىككىلا تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بىز ئىككى تەرەپنىڭ سوغۇنقانلىق بىلەن سۆھبەتلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئامېرىكا بۇ قېتىملىق چوڭ سايلامدا خالىس مەيداندا تۇرىدۇ ھەمدە تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بۇرۇنقى سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى قوللايدۇ»دېگەن.

گومىن پارتىيەسىنىڭ رەئىسى جۇ لىلۈن

ئىگىلىنىشىچە، تەيۋەن مىنجىن پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سەي يىڭۋېن بۇ قېتىملىق چوڭ سايلامدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا بولۇپ قالغان، بىراق ئۇنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا يۈرگۈزمەكچى بولغان سىياسىتى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى يامانلاشتۇرۇۋېتىشتەك يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىكەن. باشقا ئىككى پارتىيەنىڭ نامزاتى گومىن پارتىيەسىنىڭ رەئىسى جۇ لىلۈن ۋە چىنمىن پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سوڭ چۇيۈنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

چىنمىن پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سوڭ چۇيۈ

ئامېرىكا «بىر جۇڭگو سىياسىتى»دە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن، يەنە كېلىپ تەيۋەن بىلەن ھېچقانداق دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى يوق. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ئالدىنقى ئايدا ئوباما ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرگەنلىكىگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئامېرىكا تەيۋەنگە ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 830 مىليون دوللارغا يېتىدىغان قورال - ياراغ سېتىپ بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى دانە قوغدىغۇچى پاراخوت، تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئىككى دانە زەربىدار ئاپتوموبىل باركەن.



خەتكۈچلەر:
14-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-05-2016
      فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتار تەرەققىيات پىلانلاش ۋە سىتاتىستىكا مىنىستىرلىكى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ سۇ ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان. 2006-...
12-05-2016
      برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.       فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
12-05-2016
      كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 5- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 27- ماي ياپونىيەنىڭ خىرۇسىم ئارىلىغا زىيارەتكە بارىدىكەن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كورىيەدىكى كۆپلىگەن ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرى ئ...
12-05-2016
      ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە ياپونىيەنىڭ نېمۇرو يېرىم ئارىلىغا يېقىن دېڭىزدا 4.8 بال يەر تەۋرىگەن، بەختكە يارىشى بۇ قېتىمقى يەر تە...
12-05-2016
       5-ئاينىڭ 9-كۈنى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى پيۇڭياڭدا يېپىلغان بولۇپ، يىغىندا كىم جۇڭئۇن چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومېتىت باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. 2-كۈنىدىن باشلاپ...
12-05-2016
     تۈركىيە ياۋرپا ئىتتىپاقى مەسىلىلىرى مىنىستىرى بوزكىر 5- ئاينىڭ 11- كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سىكۇلتىز بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئەنقەرە تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن...
12-05-2016
    ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدېن شۇ جاي ۋاقتى 11-ماي زىيارەت قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتوننىڭ پارتىيە ئىچىدە نامزاتلىققا ئېرىشىپ ھەمد...
12-05-2016
   5-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازا سىرتقى مەيدانىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد Ⅵ نىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.    ...
12-05-2016
     دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ باياناتچىسى ۋىئوسەيېر 9-ماي: ئاز دېگەندىمۇ 110 دۆلەتنىڭ ۋەكىل ئەۋەتىپ مۇشۇ ئايدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى قېتىملىق دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىغا...
12-05-2016
      بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى لۇككېتوف تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: يېڭى نامزاتقا ئادىل بولغان يۈز تۇرانە ئىمتىھان پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 7-ئىيۇن كېلەر ...
Powered by Leglek