سابىق پرېزىدېنت سالىھ 60 مىليارد دوللار بايلىق توپلىغان

جاھان ئاگېنتلىقى 25-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلغان دوكلاتتا، يەمەننىڭ ئاغدۇرۋېتىلگەن سابىق پرېزىدېنتى ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 33 يىلدا 60 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بايلىق توپلىغانلىقى ئېنىقلاندى. ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلغان دوكلاتتا، دۆلەتتە مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولغان دىگەن باھانە بىلەن ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلىپ، ساھايەت قىلىشى چەكلەنگەن سابىق پرېىزدنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ ۋە ئىككى «ھۇسى» شىئە قۇراللىقلىرى رەھبىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار ئورۇن ئالغان. دوكلاتتا يەنە، يەمەندە سىياسى كىرزىسقا سەۋەب بولغان تەرەپلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئاغدۇرۇلغان سابىق پرېزىدېنت سالىھنىڭ 33 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە 60 مىليارد دوللار بايلىق توپلىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، بۇ مەبلەغ دۆلەتنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ 5 ھەسسىسىگە تەڭ تۇرىدۇ.

 ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يەمەندە سياسى كىرزىسنى ھەل قىلىش چارىسىغا ئالاقىدار بىردەكلىك بىلەن ماقۇللىغان قاراردىن كېيىن بۇ دوكلات سۇنۇلغان بولۇپ، دوكلاتتا سالىھنىڭ نەخ پۇل، ئۆي-مۈلۈك، پاي، ئالتۇن ۋە قىممەت بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بايلىقىنى يەمەننىڭ داڭلىق 5 كارخانىچىسىنىڭ ياردىمى بىلەن 20 دۆلەتكە يۆتكىگەنلىكى ئېنىقلاندى.

دوكلاتتا سالىھنىڭ 1978-يىلى پرېزىدېنتلىققا ئولتۇرغاندىن 2012-يىلى ئاغدۇرۇلغانغا قەدەر ھەر يىلى تەخمىنەن 2 مىليارد دوللار بايلىق توپلىغانلىقى ئاشكارىلاندى.  سالىھ دۆلەتتە 2011-يىلى 11-فېۋرال يۈز بەرگەن نامايىشلار جەريانىدا قالايمىقانچلىقتىن كېيىن قولتۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىم بىلەن 2012-يىلى ۋەزىپىسىنى ياردەمچىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ دۆلەتتىن ئايرىلغان ئىدى.

دۇنيادىكى  نامرات دۆلەتلەر قاتارىدا ئورۇن ئالغان يەمەندە يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان كۆپەيگەن تۇقۇنۇشلار ۋە مۇقىمسىزلىقنىڭ سەۋەبچىلىرى قاتارىدا سالىھ بار. ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى يەمەندىكى سىياسىي كىرزىسقا ئالاقىدار ئېلىپ بارغان ئاۋاز قۇيۇشتا ، دۆلەتتە كىرزىسقا سەۋەب بولغان تەرەپلەرگە جازا يۈرگۈزۈش قارارى بىردەكلىك بىلەن ماقۇللاندى.

ب د ت  تەرىپىدىن ماقۇللانغان قاراردا، «يەمەندە سىياسي كىرزىسقا سەۋەب بولغان تەرەپلەر» دەپ بېكىتىلگەنلەر ئارىسىدا سابىق پرېزىدېنت سالىھ ۋە «ھۇسى» شىئەلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابدۇلخالىق ھۇسى ۋە ئابدۇللاھ يەھيا بار. قاراردا يەنە ب د ت نىڭ يەمەندىكى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ 2016-يىلى 25-مارتقا قەدەر ئۇزارتىلغانلىقى بېكىتىلدى.



26-02-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
29-04-2016
     بۇ يىل 4–ئاينىڭ 26–كۈنى چېرنوبېل يادرو ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنى. رۇسىيە زۇڭتۇڭ پۇتىن 26–ئاپرېل: چېرنوبېل يادرو ھادىسىسىدىكى ئاخىرەتلىك ئىشلارنى ئۈستىگە ئالغانلانىڭ باتۇرلۇقى ۋە پىداكا...
29-04-2016
    ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كلىنتون 21–ئاپرېل ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ بۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئويلىماپت...
29-04-2016
    ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون 26–ئاپرېل باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ: جەنۇبىي سۇدان ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى، سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ مەشئەلنىڭ پايتەخت جۇباغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ھەم قەسەم بېرىپ جەنۇبىي سۇداننىڭ...
29-04-2016
    رۇسىيە تاسسىس ئاگېنتلىقىنىڭ 4- ئاينىڭ 28- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى موسكۋا ئىچكى ئىشلار باش ئىدارىسى ئاخبارات باشقارمىسى ئۇچۇر تارقىتىپ، موسۋانىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش...
29-04-2016
     شۇ جاي ۋاقتى 28-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكا مارىلان شىتاتى بالتىموردىكى فوكىس تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا دىراماتىك بىر ۋەقە يۈز بەردى، كارتونچە كىيىنگەن ئەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىناسىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ بەد...
29-04-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاندقا ساياھەتكە بارغان ئەنگلىيەلىك بىر جۈپ ئەر-خوتۇن شۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن سۇ چېچىش بايرىمى نەق مەيدانىدا تايلاندلىق بىر نەچچە نەپەر قارا گ...
29-04-2016
    كورىيە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش دائىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كورىيدە زېكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 3- بىمار بايقالغان بولۇپ، بۇ بىمار بۇ دۆلەتتە 2- بولۇپ زېكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىنىڭ ئاكىسىكەن. ...
29-04-2016
    27-ئاپرېل شۋېتسىيە «تېز خەۋەر گېزىتى» نىڭ ئىراقلىق ئۇچۇردىن خەۋەردار زاتنىڭ بايانىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئاشقۇن تەشكىلات IS نىڭ سەككىزگە يېقىن ئەزاسى شۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولىمغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغان. ...
29-04-2016
28-ئاپرېل تايلاندقا نىسبەتەن رومانتىك بىر كۈن بولدى، چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ پادىشاھى پۇ مىفېڭ بىلەن شى لىجى خانىشنىڭ توي قىلغانلىقىنىڭ 66 يىللىق خاتىرە كۈنى. 1948- يىلى پۇ مىفېڭ پارىژدا ئەينى ۋاقىتتىكى تايلاندنىڭ فىرانسىيەدىكى ئەلچىخانىسى...
29-04-2016
    جەنۇبىي سۇدان پرېزىدېنتى كىئېل ۋە مۇئاۋېن پرېزىدېنتى ماسار شۇ جاي ۋاقتى 28- ئاپرېل يېڭى ئىچكى كابېنت ئەزالىرىنى ۋەزىپىزگە تەيىنلەپ، جەنۇبىي سۇدان مىللى ئىتىىپاق ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ...
Powered by Leglek