ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 17-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، 24 ياشلىق كانادالىق مودېل ۋىن لوس يۈزىنىڭ 24 يېرىگە چەكمە چەكتۈرۈپ نام چىقارغان . ئىگىلىنىشىچە ، ۋىن 16 يېشىدىن باشلاپ يۈزىگە ئىنگلىزچە سۆزلەرنى چەكتۈرگەن. ۋىن بۇنداق قىلىش ئارقىلىق، باشقىلاردىن پەرقلىق بولۇپ، ، تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىىپ، دۇنياغا مەشھۇر زاتلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلغان .
مونترېئاللىق ۋىن لوس چەكمە سەنئىتىنىڭ بەدىئىيلىكىنى يەنىمۇ بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، يۈزى ۋە بويۇنلىرىغا تاق سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنى چەكتۈرگە . بۇ سۆزلەرنى ۋىن ئاساسىي جەھەتتىن توردا ئاڭلىغان ناخشلىرىنىڭ تېكىستلىرىدىن تاللىۋالغان. مەسلەن ، ‹‹ مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىرغىن ››، ‹‹ دۇنيانىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ›› دېگەندەك ناخشىلارنى ئاڭلاپ، ناخشىنىڭ ئىسمىنى چەكتۈرۈشنى ئويلىغان .
نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ۋىندىن: بىر كۈنلەردە ئۆزىڭىزنىڭ چىرايىدىن قورقۇپ كىتەرسىزمۇ ؟ دەپ سورىغىنىدا، ئۇ : ئەگەر مەن ئارىسالدى بولغان بولسام يۈزۈمگە بۇنداق جىق سۆزلەرنى چەكتۈرۈپ يۈرمىگەن بولاتتىم ، دېدى . كېلىشكەن تاشقى قىياپەت بىلەن يۈزىدىكى بۇ چەكمىلەر ۋىننى ھەقىقەتەنمۇ قىسقىغىنە ۋاقىتتا تېخىمۇ جىق ئادەملەرگە تونۇتتى . بەلكىم بۇ دۇنيادىكى مەشھۇر زاتلاردىن بولۇش ئىستىكى بار ۋىن ئۈچۈن ياخشى ئىش بولۇشى مۇمكىن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved