ئۇكرائىنا ئەلباشى تاشقى ئاخبارات تارقىتىش تۈزۈمىگە ئىمزا قويۇپ، ئۇكرائىنا ئىچكى ۋەزىيىتىنى ئەمەلىي خەۋەر قىلىشقا كاپالەتلىك قىلماقچى
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى» نىڭ 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنا ئەلباشىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە ئېيتىلىشچە، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پېتىر. پوروشېنكو ئۇكرائىنا تاشقى تاراتقۇ تۈزۈمى قانۇنىنىغا ئىمزا قويغان.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پېتىر. پوروشېنكو ئۇكرائىنا تاشقى تاراتقۇ تۈزۈمى قانۇنىنىغا ئىمزا قويغان. پوروشېنكو: ھازىرقىدەك ئۇرۇش مالىمانچىلىقى داۋام قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، بۇ قانۇن ئۇكرائىنانى قايتىدىن قۇرۇشقا شۇنداقلا تاجاۋۇزچى دۆلەت تەشۋىقاتچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قانۇن، دېگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، پوروشېنكو يەنە، بۇ تۈزۈمنىڭ ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنى، ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئەمەلىي يەتكۈزۈشنى ئۆلچەم قىلدىغانلىقىنى ئېيتقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved