دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىس، داڭلىق ناخشىچى روزى ھامۇتنىڭ سەنئەت ھاياتى

      كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بىراق، بۇ ناخشا - ئۇسۇلچىلار ئىچىدە شىنجاڭدىن چىقىپ مەملىكەت ئىچىدە داڭق قازانغان، شۇنداقلا خەلقئارا سەھنىلەردە ئويۇن قۇيۇپ، شەرەپ قۇچۇۋاتقان سەنئەتكارلار يەنىلا ناھايىتى ئاز ساننى ئىگىلەيدۇ. زوزى ھامۇت ئەنە شۇنداق سەنئەتكارلارنىڭ بىرى.

        خىزمىتىنى بېيجىڭغا يۆتكەپ كەلگىنىگە 20 يىل بۇلاي دەپ قالغان روزى ھامۇت مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىسى، جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ تەكلىپلىك باھالىغۇچىسى، غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ زىيارەتتىكى پروفېسسورى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ زىيارەتتىكى پروفېسسورى بولۇپ، 1995-يىلى 11-ئايدىن ھازىرغىچە مەركىزىي مىللەتلەر سەنئەت ئۆمىكىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ناخشىچىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

       ئۇ ئېيتقان ئاساسلىق ناخشىلاردىن: «ئانارخان»، «ئاشۇ يىراق جايدا»، «سۆيۈملۈك بىر ئەتىرگۈل»، «سەپداشنى ئەسلەش» «خەير - خوش دابېيشەن»، «يوقلاش»، «ئۈچ ھارۋا»، «سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پرىستان كېچىسى ناملىق ناخشىسى»، «يۇلتۇز»، «قارماق تاشلاش ناخشىسى» (ياپون خەلق ناخشىسى) قاتارلىقلار بار.

   2004-يىلى 10-ئايدا، روزى ھامۇت ئۆزىنىڭ «ئاشۇ يىراق جايدا» ناملىق خەلق ناخشىلىرى پالاستىنكىسىنى چىقارغان بولۇپ، بۇ پلاستىنكىدىكى ناخشىلار ئىنتايىن يېقىملىق، قويۇق غەربىي يۇرت پۇرىقى ۋە مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن.

   ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، روزى ھامۇت سەنئەت ئۆمىكىگە ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان چەت رايونلارغا بارغان. ھازىر ئۇنىڭ بىر ئارزۇسى بار بولۇپ، ۋاڭ لوبىڭ ئەپەندىدەك شىنجاڭ خەلق ناخشىلىرىنى قېزىپ ۋە رەتلەپ خەلق ناخشىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش. ھەر قېتىم شىنجاڭغا قايتقاندا، ئۇ خەلق ناخشىلىرىنى يىغىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھازىر ئۇ نەچچە ئون ناخشا يىغىپ بۇ ناخشىلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ باققان، ئامما بۇ ئىش خېلىلا مۈشكۈل ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىرادە ۋە ئېغىر - بېسىقلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولغاچقا، دەسلەپكى ئۆزگەرتكەنلىرىدىن ئۆزى رازى بولماي داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.



خەتكۈچلەر:
14-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek