سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ مەيلى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغىنى بولسۇن ياكى ئارمىيە ئىشلىتىلىدىغىنى بولسۇن ئۇچقاندەك تەرەققى قىلماقتا .يول باشلاش ۋە بوشلۇقتا رازۋېدكا قىلىش جەھەتتە ،كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى جانلىق بۇلۇپ ،ئاسان باشقىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قالمايدۇ .بۇ بۇ ئۈستۈنلۈكنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ ،بىراق كەمچىلىكى شۇكى بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار چوڭ تىپتىكى باتارېيىنى ئېلىپ يۈرەلمەيدۇ .
شۇڭا ئۇچۇش ۋاقتى ناھايىتى چەكلىك . قانداق قىلغاندا بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئۇزۇن ۋاقىت ۋەزىپە ئىجرا قىلالايدىغان قىلغىلى بولىدۇ ؟
ئامېرىكىنىڭ ماساچۇسىتىس تەبئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى يېقىندا ،يېڭى تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىپ چىقتى ،ئۇ توك يېتىشمىگەندە سىتولبىغا قونۇپ ئۆزىگە توك قاچىلايدىكەن .خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ يېڭى تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئالدىغا سېنزور ئورۇنلاشتۇرۇلغان،تۆت مېتىر دائىرە ئىچىدە توك سىمى چىقارغان ماگىنىت مەيدانىنى ئاپتوماتىك بايقىيالايدۇ .ناۋادا ماگىنىت مەيدانى سىگنالى بايقالسا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەڭ ياخشى قونۇش ئورنىنى ئاپتوماتىك ھالدا تارتىدۇ ،ئاندىن ئايروپىلاننىڭ ئاستىدىكى قىسقۇچ بىلەن توك سىمىنى قىسىپ ،توختىغاندىن كېيىن ،ئۆزىگە توك قاچىلايدۇ .كەشىپ قىلغۇچى بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ خەلق تۇرمۇشى ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلغاندىن سىرىت ئارمىيە ئۈچۈن ،ئۇزۇن ۋاقىت ھەربىي رازۋېتكا ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلالايدۇ دېگەن.
ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى ئۆتكەن يىلى كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان توپى ئۇرۇش ئەندىزىسىنى تېپىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .تەسەۋۋۇرغا ئاساسلانغاندا ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇرۇش قىلغاندا بۇ ھاشارەتچىلىك كېلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئايروپىلاندا تۇرۇپ قۇيۇپ بېرىدىكەن .ئۇلار دۈشمەن ئارىسىغا كىرىپ ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ بىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن .
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئىچىگە تېلىكامىرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان .سۈرەتكە ئالغان كۆرۈنۈشلەرنى ھەر ۋاقىت ئارقا سەپكە يەتكۈزۈپ بېرىپ ،ئارقا سەپ خادىملىرىنىڭ دۈشمەن ئەھۋالىدىن تېز خەۋەردار بۇلىشىغا ياردەم بېرىدۇ .ھەجىمى كىچىك بولغاچقا ئاسان بايقالمايدۇ .بۇ قورال ئېلىپ يۈرەلەيدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يەنە تۇيدۇرماي ،دۈشمەن ئارىسىغا بېرىپ دۈشمەننى ئۆلتۈرەلەيدۇ .بۇنىڭدىن باشقا بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئادەمگە زىيان يەتكۈزىدىغان مۇھىتتىمۇ ئوخشاشلا بىمالال ئىشلىيەلەيدۇ .
مەسلەن :رېئاكسىيە ۋە خىمىيىلىك بۇلغىنىشقا ئۇچرىغان جەڭ مۇھىتلىرىدا نورمال ئىشلىيەلەيدۇ ،بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار قارىماققا بەك كۈچلۈك بولغىنى بىلەن ،ئەمما باتارىيە ئېلېكتىر كۈچىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا پەقەت بىر نەچچە مىنۇتلا ئۇچالايدۇ ،ئەگەر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئۆزلىكىدىن زەرەتلىنىش تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلىپ ،باتارىيە ئېلېكتىر كۈچى چەكلىمىسى بۇزۇپ تاشلانسا ،ئۇنىڭ رازۋېدكا قىلىش ۋە توغرا زەربە بېرىش ئىقتىدارى تېخىمۇ تۇلۇق جارى بولىدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved