ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى 15–ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ ، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئىچكى كابېنتىنىڭ شۇ كۈنى مىسىر ئوتتۇرىغا قويغان ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ، شۇنداقلا پەلەستىن ئىسلام قارشلىق ھەرىكىتى (خاماس) گە بولغان ھەربىي زەربىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى . مىسىر تەرەپ 14–ئىيۇل ئوتتۇرىغا قويغان ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىگە ئاساسەن ، ئىسرائىلىيە شۇ يەر ۋاقتى 15–ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن 9:00 دىن باشلاپ غەززەگە قاراتقان ھاۋا ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ھۇجۇملىرىنى توختىتىپ ، خاماسنىڭمۇ راكىتا بومبا قويۇپ بېرىشنى توختىتىشىنى ئەسكەرتكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved