بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى 2014 - يىل 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كېچە سائەت نۆلدىن 20 مىنۇت ئۆتكەنلەردە چاڭخېڭ ناھىيسى شەرقى كوچىدىكى خانتاجى KTV دە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى . ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ناھىيىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش پىلانى تۈزۈپ تىزدىن ئوت ئۆچۈرۈشكە ئاتلاندى . ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكىرتارى بوشۆبىن ، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىملىق ئەزاسى ، سىياسى كومتىتىنىڭ سېكىرتارى سوڭتەيجۈن ، مۇئاۋىن ھاكىم جاڭشۆفىڭ قاتارلىقلار تىزدىن نەخ مەيدانغا بېرىپ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ، جامائەت خەۋىپسىزلىك ئەترىتى ، سەھىيە ئەترىتىنى تەشكىللەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆچۈرۈپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تەشكىللىدى . ئوت 1 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆچۈرۈلدى . ھازىرغا قەدەر 35 ئادەم دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ . 11 ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى .
3 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكىرتارى بوشۆبىن جىددىي يىغىن چاقىرىپ ، تىزدىن ئوت ئاپىتى جىددىي قوماندانلىق مەركىزى تەسس قىلىپ ، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكىرتارى بوشۆبىن باش قوماندانلىققا ، ناھىيەلىك پارتىكوم دائىملىق ئەزاسى ، سىياسى كومتىتنىڭ سېكىرتارى سوڭتەيجۈن ، مۇئاۋىن ھاكىم جاڭشۆفىڭ قاتارلىقلار مۇئاۋىن قوماندانلىققا تەيىنلەندى . ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوت ئاپىتى ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلدى . ئۇلار مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى . 1 . پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردارلارنى قۇتقۇزۇش ، يەنە ئۆلۈم يىتىم ۋەقەسى كىلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش . 2 . ئۈزۈلكېسىل ئوت كەتكەن نەخ مەيداننى تازلاش ، بىرەر ياردارنىڭمۇ قېلىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، يەنە ئوت كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش . ۋە ئوت كېتىشنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ چىقىش . 3 . تىزدىن ياردارلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ سالاھىتىنى ئېنىقلاش . ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاخىرەتلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇش . 4 . تىزدىن بىخەتەرلىك ئامىللىرىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپىسى قۇرۇپ ، ئادەم بىر قەدەر كۆپ بولغان يەرلەرنى ۋە پۈتۈن ناھىيىدىكى KTV لارنى تىجارەتتىن توختىتىپ قاتتق تەكشۈرۈش . بىخەتەرلىك ئامىللىرىنى تۈپتىن تۈزەش .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved