ئافغانىستان زۇڭتۇڭى ئەشرەف غەنى 27- دېكابىر كېلەر يىلى يانۋاردا ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبانلار بىلەن يارىشىش رامكىسى ئىچىدە بىر تۈرلۈك تىنچلىق پىلانى تۈزۈش مەقسىتىدە پاكىستان، ئامېرىكا ۋە جۇڭگونى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئەشرەف غەنى كابۇلدا پاكىستاننىڭ زىيارەتكە كەلگەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى رەشىل بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن يۇقىرىقىدەك دېگەن. رەشىل بۇ قېتىم ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبانلارنىڭ تاسادىپىي ئۈزۈلۈپ قالغان تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ئافغانىستانغا زىيارەتكە كەلگەنىدى.
ئەشرەف غەنىنىڭ ئېيتىشىچە، كېلەر يىلى يانۋاردىكى يىغىننىڭ مەقسىتى «مۇكەممەل بولغان تىنچلىق ۋە مۇقىملىق پىلانى» تۈزۈپ چىقىش ئىكەن.
ئەشرەف غەنى بىلەن شېرىف ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز دۆلىتىدە تېررورلۇق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىقنى قوللايدىغان تالىبانلار بىلەن سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئويى بارلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زوراۋان تەشكىلاتلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قاتتىق باستۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاكىستاندىكى ئۈچ ئارمىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ھاشىم باجۋا «تۇۋېتېر» مىكرو بلوگىدا مۇنداق دەپ يازدى: «ئافغانىستان تىنچلىق پىلانى توغرىسىدىكى بۇ تۇنجى سۆھبەت كېلەر يىلى يانۋاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ يىغىن ئافغانىستاننىڭ مەقسىتى تىنچلىق نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان مۇكەممەل لىنىيە خەرىتىسى تۈزۈپ چىقىشتۇر».
شېرىف يەنە ئافغانىستاننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئابدۇللا بىلەن كۆرۈشكەن. ئابدۇللانىڭ باياناتچىسى جاۋھىد فايسال مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى چوقۇم قايتا باشلاش مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. بۇ سۆھبەت چوقۇم ئۆزى ئىختىيار قىلغان ھەمدە سۆھبەتكە ئىشىنىدىغان ئۆكتىچىلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ، سۆھبەتكە ئىشەنمەيدىغان، پەقەت تېررورىزمغا ئىشىنىدىغان ئۆكتىچىلەر بىلەن بولغان ئىختىلاپنى پەقەت ھەربىي ۋاسىتە بىلەن ھەل قىلىش كېرەك».
ئەشرەف غەنى مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا، جۇڭگو ۋە پاكىستاننىڭ قوللىشى بىلەن كېلەر ھەپتە تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، شېرىف 27- دېكابىر ئافغانىستانغا زىيارەتكە كەلگەن.
پاكىستان دائىرىلىرى بۇ يىل ئىيۇلدا ئىسلامئابادتا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبانلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاشكارا سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغانىدى. بىراق بۇ تىنچلىق مۇساپىسى تالىباننىڭ ئاتامانى ئۆمەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، ئىچكى قىسىمدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنىڭ ئەۋج ئېلىشى سەۋەبلىك توختاپ قالغان.
تالىبانلار 24- دېكابىر ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 21- دېكابىر تەستىقلىغان تالىبانلارغا يۈرگۈزگەن جازا چارىسىنىڭ ئافغانىستان تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، كابۇل، 27- دېكابىر تېلېگراممىسى: ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ئازراق ئەۋج ئېلىپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ئافغانىستان بىلەن پاكىستان دائىرىلىرى كېلەر ئايدا ئامېرىكا ۋە جۇڭگو ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تالىبانلار بىلەن بولغان تىنچلىق سۆھبىتىگە تەييارلىق كۆرۈشكە ماقۇل بولغان.
ئەشرەف غەنى يېقىندىن بۇيان تالىبانلار «يۆلەنچۈك» دەپ قارايدىغان پاكىستان بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشقان. توپىلاڭ كۈچىيىپ كەتكەچكە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى سۆھبەتنى قايتىدىن باشلاشقا ئالدىرىغان. پاكىستان ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ باياناتچىسى بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ نەدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان. يېقىندىن بۇيان ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە چەت ئەل ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتكەن تالىبانلار ھازىرچە بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.
تالىبان قوراللىقلىرى جەنۇبىي قىسىمدىكى خېلماند ئۆلكىسىدىكى ئەپيۈن ئىشلەپچىقىرىش رايونى سەنگىننىڭ كۆپ قىسىم رايونىنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تالىبانلارنى بۇ رايوندىن قوغلاپ چىقىرىش مەقسىتىدە ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىۋاتىدۇ.
پاكىستان ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقىنىڭ كابۇلدا زىيارەتتە بولۇشى ئەشرەف غەنى بىلەن پاكىستان زۇڭلىسى شېرىفنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيانقى سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئافغانىستان دائىرىلىرى «پاكىستاننىڭ قوللىشى تالىبانلارنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىشتە ئىنتايىن مۇھىم» دەپ قارىغان. لېكىن تەھلىلچىلەر «ھەر قانداق ماھىيەت خاراكتېرلىك سۆھبەت ئۇزاق يوللارنى بېسىشىغا توغرا كېلىدۇ» دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved