ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە تارقىلىپ يۈرگەن ھەقسىز تور ئېقىمى ئىشەنچلىكمۇ؟
يېقىندا ج خ مىنىستىرلىقى مىكرو بىلوگىدا ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە تارقىلىپ يۈرگەن «ئېقىم مىقدارى ئېلىۋېلىش» توزىقىنى ئاشكارىلىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ، بىر قىسىم قانۇنسىز ئېلان شىركەتلىرىنىڭ قايسى يانفون نومۇرلىرىنىڭ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن تۈزگەن توزىقى ئىكەن. بۇ مىكرو بىلوگدا مۇنداق دېيىلدى: يېقىندا دوستلار چەمبىرىكىدە «تېزدىن ئېقىم مىقدارىنى ئېلىۋېلىڭ» دېگەن ئۇچۇر كېلىدىغان بولۇپ قالدى، بۇنىڭغا يەنە «سىزنىڭ ئۈندىدار دوستىڭىز xx بۇ ئېقىم مىقدارىنى ئالدى» دېگەن خەت قوشۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرنى چەككەندىن كېيىن «يانفون نومۇرىنى كىرگۈزۈڭ» دېگەن ئەسكەرتىش چىقىدۇ، يانفون نومۇرىڭىزنى كىرگۈزسىڭىزمۇ ئېقىم مىقدارى ھېساباتىڭىزغا كىرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى دوستلار چەمبىرىكىدە ھەمبەھرلەيدىغان بولغاچقا، كىم نومۇرىنى كىرگۈزسىلا ئېلان شىركىتى قايسى نومۇرنىڭ ئىشلىتىۋاتقان نومۇر ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىپ، ئاندىن شۇ نومۇرغا ھەر خىل ئەخلەت ئۇچۇرلارنى، تەۋسىيە قىلماقچى بولغان جايلارنىڭ تېلېفون نومۇرلىرىنى ئەۋەتىشكە باشلايدۇ، ھەتتا ئالدامچىلىق تېلېفونلىرىمۇ كېلىشكە باشلايدۇ.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved