ياپونىيە ئادەمسىمان ماشىنا ئادەمنى چەت ئەللەرگە ساتماقچى

     خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ياپونىيە «سۈبھى خەۋەرلىرى»نىڭ 27-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە يۇمشاق دېتال بانكا گۇرۇھى 27-يانۋار بۇ يىل ئىچىدە «Pepper» ناملىق ئادەمسىمان ماشىنا ئادەمنى چەت ئەللەرگە ساتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مۆلچەرلىنىشىچە ئاساسلىق زاكازلار كارخانىلاردىن كېلىدىغان بولۇپ، ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاسىيا قاتارلىقلار رايونلاردىكى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدىكەن.

     بۇلتۇر يازدا، بۇ ماشىنا ئادەم ياپونىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدە سېتىلىشقا باشلاپ، كەڭ كۆلەمدە سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن. يۇمشاق دېتال بانكا گۇروھى قاتارلىق 500 كارخانا بۇ ماشىنا ئادەمدىن كىرگۈزۈپ، دۇكاندا مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلارغا ئىشلەتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ياپونىيەدە دۆلەت ئىچىدە يۈزلەنگەن مەھسۇلاتلارغا ئوخشاش، چەت ئەللەرگە سېتىلغان مەھسۇلاتلارنى «خۇڭخەي» شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى زاۋۇتى ھاۋالە بىلەن ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

  يۇمشاق دېتال بانكا گۇرۇھى بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ ئىنسانلارنىڭ چىراي ئىپادىسى ۋە ئاۋازىنىڭ ئاجىز-كۈچلۈكلۈكىنى تەھلىل قىلىش، ھېسسىيات پەرقلەندۈرۈش، ئىنسانلار بىلەن پاراڭلىشىش قاتارلىقلارنى قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يۇمشاق دېتال بانكا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ماسايوشى سون بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ دۇنيادىكى تۇنجى ھېسسىياتچان ماشىنا ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

  بۇنىڭدىن ئىلگىىرىكى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، «Pepper» ناملىق ئادەمسىمان ماشىنا ئادەمنىڭ قىسمەن گەۋدىسىنىڭ باھاسىنىڭ 213 مىڭ 840 ياپونىيە يىنى (11200 يۈەن خەلق پۇلى) بولۇپ، قوللىنشىچان يۇمشاق دېتالى ۋە كاشىلا مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشكە يەنە ھەق تۆلىنىدىغان بولۇپ، ئۈچ يىلدا يەنە 956 مىڭ 448 ياپونىيە يىنى (50 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) ھەق تۆلىنىدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، 2014-يىلى 6-ئايدا، ياپونىيە يۇمشاق دېتال بانكا گۇرۇھى، «ئەلى بابا» گۇرۇھى ۋە تەيۋەن «خۇڭخەي» نازۇك سانائەت شىركىتى «Pepper» ناملىق ئادەمسىمان ماشىنا ئادەمنى بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش ھەققىدە توختام ئىمزالىغان. كەلگۈسىدە «ئەلى بابا» گۇرۇھى قارىمىقىدىكى تور بېكەتلەردىن بۇ ماشىنا ئادەمنى سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
30-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-03-2016
لېيجۈن :مەن ھەركۈنى 3مىنۇتتا چۈشلۈك تاماق يەيمەن مېنىڭ ئاجىزلىقىم مەن باشقىلارغا دېيەلمەيمەن .باشقىلارنى خا پا قىلىپ قويۇشنى خالىمايمەن . مەن بەك يۈزۈم چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقىمەن ، شۇڭا مەن بۇ ئۇرۇندا بەك ھارىمەن . لېي ج...
16-03-2016
گوگىل سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى قورشاۋ شاھماتتا ئىنساننى يەڭدى گوگىل شېركىتى ئاچقان سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن قورشاھ شاھماتتىن ئىبارەت جوڭگۇنىڭ قەدىمكى ئويۇنىدا دۇنيا چېمپىيونىنى 4 تە بىر نەتى...
06-02-2016
        ئامېرىكا ئاخبارات تور پونكىتى breitbart نىڭ 4-فېۋالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە نۆۋەتتە يۆتكىلىشچان «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەرەت قاچىسى» تەتقىق قىلىپ ياساۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە بىۋاستە ئولتۇرۇشقا ۋە زوڭ...
06-02-2016
       يانفون ساھەسىنىڭ كەسكىن رىقابەت مۇھىتىدە، يانفون زاۋۇتى ياخشى سېتىش مىقدارى ياراتماقچى بولسا قاتتىق دىتال سەپلىمىسى بىر مەسىلە بولىدۇ، پاسونى يەنە بىر مەسىلە بولىدۇ، يېقىندا بىر تورداش سۈزۈك Lumia ئەقلىيفونى (N...
06-02-2016
       ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆچمە تور مۇلازىمەت ئانالىز شىركىتى ‹‹ئوچۇق سىگنال›› (OpenSignal) يېقىندا پۈتۈن يەر شارى كۆچمە تور دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ...
06-02-2016
       تېخنىكا بىلوگى TechCrunch نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Canalys ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما يېڭى Apple Watch ئارقىلىق 2015-يىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت بازىرىغا ي...
06-02-2016
       بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.   ...
05-02-2016
           پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
05-02-2016
       Sanrio ياپونىيىنىڭ داڭلىق مەدەنىيەت ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن Hello Kitty,My Melody,mmy Kitty قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن كارتون ئوبرازلىرىنى ياراتقان. يېقىندا ياپونىيىدىكى OLA شىركىتى Sanrio شىركىتىنىڭ ھوق...
05-02-2016
        ئالما شىركىتىنىڭ جاكارلىشىچە، بۇ شىركەت يېڭىدىن يولغا قويغان كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى Apple Pay ھازىرغىچە ئىككى مىليوندىن كۆپرەك پارچە سېتىش دۇكىنى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، Crate & Barr...
Powered by Leglek