2016-يىلى 3-فېۋرال، چاغانغا تۆت كۈن قالدى، خاڭجۇ تۆت پەسىل ياشلار كىيىم-كېچەك بازىرى كوچىسىدىكى ھەر قايسى توپ تارقىتىش بازارلىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتى چاغانلىق مال باھاسى چۈشۈرۈش پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن خېرىدارلار بىلەن لىق تولدى.
30-يانۋاردىن باشلاپ، تۆت پەسىل ياشلار كىيىم-كېچەك توپ سېتىش بازىرى ئامباردىكى ماللارنى ئازايتىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزلۈكىدىن ئۇيۇشتۇرغان «چاغانلىق مال باھاسىنى چۈشۈرۈش» پائالىيىتى زور تۈركۈمدىكى ئىستېمالچىلارنى ئۆزىگە جەلب قىلدى. توپ سېتىش بازىرى 10 يۈەنلىك، 20 يۈەنلىك، 50 يۈەنلىك باھاسى چۈشۈرۈلگەن ماللار بىلەن لىق تولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىيىم سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىستېمالچىلارنىڭمۇ ئايىغى ئۈزۈلمەي، چاغانلىق ئۆيىگە قايتقان يولۇچىلار بىلەن تولغان ۋوگزالدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە قىستا-قىستاڭچىلىققا تولدى.
![]() |
16-ماي كەچتە خۇنەننىڭ شياڭشىغا جايلاشقان سۇمرۇغ قەدىمىي شەھىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان توجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ھەرخىل رەڭدە چىراغ نۇرلىرى جۇلالىنىپ، قەدىمىي شەھەرگە ئۆزگىچە تۈس ئاتا قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved