«ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكىتى ئامېرىكىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى

ئىراق كرىزىسى پارتلىغاندىن كىيىن، «ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكىتى بۇ دۆلەتتە ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، خەلقئارا جەمئىيەت بولۇپمۇ ئامېرىكا بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىشقا باشلاپ، بۇ ئەسەبىي تەشكىلاتنى يوقىتىشقا ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى.


ئامېرىكىنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى خاگىل بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسى دىمپىسى 21-ئاۋغۇست بىرلا ۋاقىتتا بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا، شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ، ئىسلام ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ خەتەرلىك تەشكىلات بولغانلىقىنى، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئىسلام دۆلىتى بىلەن قارشىلىشىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەشكە قاتناشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

 


ئامېرىكىنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى خاگىل 21-ئاۋغۇست بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىسلام دۆلىتىنىڭ پۈتكۈل يەر شارىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان تەھدىتى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكى تەھدىتلەردىن ئېشىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرال جابدۇقلىرى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭكىدىن تېخىمۇ ياخشى، مەشىق قىلىش ساپاسى يۇقىرى، مەبلىغىمۇ تولۇق بولماقتا.


ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇلار ئىدولوگىيە بىلەن بىر مۇرەككەپ بولغان ئىستراتېگىيە ھەم تاكتىكىنى ھەربىي ئىشلار تەھدىتى بىلەن بىرلەشتۈرمەكتە. ئۇلار مول مەبلەغكە ئىگە. بۇ بىز ئىلگىرى ئۇچراتقان ھەر قانداق نەرسىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى.


ئامېرىكا شتاب باشلىقلار بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى خەلىپىلىكنى قۇرۇش ئارزۇسى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىدۇ ھەمدە كۆپ جەھەتلەردىن ئامېرىكىغا تەھدىتى مۇھىتىنى پەيدا قىلىدۇ.


ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئىسلام دۆلىتىنى يوقاتقىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىشغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: دەمەشق بىلەن باغداد ئارىلىقىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان 20 مىليون سۇننى مەزھىپىدىن بولغان ئامما بىرلىكتە قارشىلىق كۆرسەتكەندىلا، ئاندىن بۇ تەشكىلاتنىڭ كۈچىنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ.


ئۇنىڭ قارشىچە: ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى قاتارلىق تېررورچى تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىشتە: بىرىنچىدىن بىۋاسىتە زەربە بېرىش. ئىككىنچىدىن، رايون ئىچىدە ئىتتىپاقداشلارنى ئىزدەش. ئۈچىنچىدىن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۆزنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك تاكتىكىنى قوللىنىدىكەن.


خاگىل ئوخشاشلا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنىڭ چەكلىكلىكىنى بىلدۈردى، بىراق ئۇ ئامېرىكىنىڭ ۋەزىپىسىدىن چەتنىمەي يەنىلا ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئىراق ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىشنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت نىشانى قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

 

ئۇ مۇنداق دېدى: ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشدىن سىرت، ئىراق يەنە بىر كەڭ قۇرساق ھۆكۈمەت تەشكىللىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سابىق قوماندانى ئەيلون مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتى زورىيىشدىن ئىلگىرى، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، بۇ تەشكىلاتنى يوقىتىشى كېرەك.


ئۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ھازىرغىچە بىلدۈرگەن ئىراقنىڭ شىمالىي قىسىمىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ئىنكاسىنى ماختىدى. بىراق ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئىراق بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى، ئامېرىكا سۇرىيەنىڭ غەربىي قىسىمىغا ئوخشاش ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك.


مەزكۇر تەشكىلات يېقىندا قوزغىغان ھۇجۇمغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىقى 21-ئاۋغۇست، ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى موسۇرغا يېقىن بولغان جايغا ئالتە قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ھەربىي ئاپتوموبىلدىن ئۈچنى، ئۇندىن باشقا بىر ئاپتوموبىل بىلەن كۆپلىگەن پارتلىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ھازىرغا قەدەر، ئامېرىكىنىڭ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا تەخمىنەن 90 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. بۇ تەشكىلات ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئەسىرگە ئىلىنغان ئامېرىكىنىڭ مۇخبىرىنى ئۆلتۈردى. بۇ ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كىيىن، ئامېرىكا ھاۋادىن 20 قېتىم ھۇجۇم قىلدى.


ئامېرىكىلىق بىر قىسىم مۇتەخەسسىسىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : بۇ تەشكىلاتقا ئەجەللىك زەربە بېرىش ئۈچۈن، قوش لىنىيەلىك ئۇسۇل يەنى ئىراقتىن سىرت، سۇرىيەدىكى بۇ تەشكىلاتقا زەربە بېرىش كېرەك.


ئۇندىن باشقا سۇرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەر، ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە كوردلارنى مەشىق قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەمدە ئۇلارنى قۇرال بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىنى ئۆلتۈرگەن بىلەنمۇ، بۇ تەشكىلاتنى مەغلۇپ قىلىش ئاسانغا چۈشمەيدىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئاخبارات مۇتەخەسسىسلىرى يەنە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى باھالىغان.



خەتكۈچلەر:
25-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
18-05-2016
رۇسىيە lenta.ru تور بېكىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە 30 ياشتىن تۆۋەن ياشلارغا بىر پارچىدىن ساياھەت كارتىسى تارقاتقان، مەزكۇر كارتا ئارقىلىق يېرىم باھالىق ساياھەت ئېتىبارىغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. بۇ پائالىيەت رۇسىيە ي...
18-05-2016
بىر پارچە ئەلرايىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، %80 كە يېقىن زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى ئەنگلىيەلىك ئەنگلىيەدىن ئايرىلىپ رۇسىيەگە بېرىپ تۇرۇشنى خالايدىكەن، چۈنكى بۇنداق قىلسا پۇتىن ئۇلارغا زېمىن سوۋغا قىلىدىكەن. يېقىندا، ئەنگلىي...
17-05-2016
تۈركىيەدە چىقىدىغان تۈركىيە خەۋەرلىرى تور بېكىتىنىڭ 16-ماي خەۋەر قىلىشىچە: تۈركىيە ئاخبارات تارماقلىرى ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، بىر قىسىم ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق شەھىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلىش ...
17-05-2016
ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ بۈگۈن سەھەردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە مىيۇنخىندىن ھىندىستاننىڭ بومبايغا قاراپ ئۇچقان A330 تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى بومباي ئايرودرومىغا قونىۋاتقاندا بىر قورقۇنۇشلۇق ئىش يۈز بەرگەن، يەنى ئ...
17-05-2016
بېيجىڭ ياشلار گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، يوكىيو خىرو بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق يېڭى باش ئەلچىسى بولغان ھەمدە 16- ماي ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچق...
17-05-2016
ئەنگىلىيە <كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى (يەنە 15-چېسلا كۈنى)، ئامېرىكا ئاتلانتا خەلىقئارا ئايرودرومىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورنى ئالاھىدە يولۇچىنى كۈتۈۋالغان، يەنە قارىما...
17-05-2016
     16-ماي، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ئافغانىستاننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئابدۇللا بىلەن سۆھبەتلەشتى.     16-ماي، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچي...
17-05-2016
شياڭگاڭ شەرق كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 16- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيە ئاخبارات ئورگىنى «ھۆكۈمەت ئاخبارات مىنىستىرلىكى» 16- ماي ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تىۋىتىردا ھېسابات ئېچىپ ئاكتىپلىق بىلەن ئاممىغا يېقىنلاشقانلىقىنى جاكارل...
17-05-2016
سۈرەتتە: بىر كىچىك قىز تاشلاندۇق بېلىقچىلىق كېمىسى ئۈستىدە ئولتۇرماقتا. شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 13-ماي، كامبودژانىڭ كاندال ئۆلكىسى، ئېل نىنو ھادىسىسىنىڭ تەسىرىدە شۇ جايدا ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەن. سۈرەتتە: بى...
17-05-2016
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوف 16-ماي مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتە 8 دۆلەت گۇرۇھىغا قىزىقىشى ئاجىزلىدى، بىراق 20 دۆلەت گۇرۇھى قېلىپىدا ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە. پىسكوف شۇ كۈنى غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىغا قويغان رۇسىي...
Powered by Leglek