جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىران زۇڭتۇڭى روخانى 21-ماي، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىمنى ئىمزالاش بەدىلىگە، ئىراننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىدىكى ھەربىي ئىشلار ۋە پەن تېخنىكا مەخپىيەتلىكنى قۇربان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
روخانى مۇنداق دېدى: ئىران ھۆكۈمىتى ھامىينىينىڭ كۆرسەتمىسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، يادرو سۆھبىتى ئۆمىكى قىزىل لىنىيەسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھامىينى 20-ماي مۇنداق دېگەن: ئىران غەرب ئەللىرىنىڭ ئىراننىڭ يادرو ئالىملىرىدىن يادرو پىلانىنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە ھەرگىز قوشۇلمايدۇ، شۇنداقلا يادرو تەكشۈرگۈچى خادىملىرىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە كىرىشىگە يول قويمايدۇ. ئۇ يەنە غەرب ئەللىرىنى سۆھبەت ئۈستىلىدە ھەددىدىن ئېشىپ، مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى سۆز ھەرىكەتلەرنى قوللانغانلىقىنى ئەيىبلىگەن، ھەمدە ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن يادرو سۆھبىتى ئۆمىكىدىن غەرب ئەللىرىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان تەلىپى ۋە تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved