جۇڭگو ئاخبارات تورى 5-ئاۋغۇست خەۋىرى: چەتئەل تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراقنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: خاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ئىقتىدارى بار ئىكەن، چۈنكى ئىران دائىرلىرى خاماسنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەپ، خاماس قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن.
ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دۆلەت مەنپەئەتى كومىتېتىنىڭ كاتىپى موخسىننىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق خەۋەر بەردى: پەلەستىننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى ئىراننىڭ تېخنىكىسى ئارقىلىق ياسالغان.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىران مۇداپىئە ۋە ھەربىي جەھەتتىكى تېخنىكىسىنى پەلەستىنگە ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا پەلەستىن قامالدا تۇرۇۋاتقاندىمۇ ئۆزى قورال-ياراغ ئىشلەپ چىقىرالايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved