ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى Wifi ئارقىلىق زەرەتلىگىلى بولامدۇ؟

    ئۆيىڭىزدىكى زەرەتلىگۈچ ۋە باشقا تۈرلۈك توك ئىشلەتكۈچى سايمانلارنىڭ سىملىرىنىڭ بىر – بىرىگە يۆگىشىپ چىگىشلىشىپ كېتىشىدىن بىزارلىق ھېس قىلامسىز؟ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەتراپىمىزدىكى سىمسىز تور سىگناللىرىدىن پايدىلىنىپ كىچىك ئۈسكۈنىلەرنى زەرەتلەش تەتقىقاتى بىزنى بۇ ئاۋارىچىلىكلەردىن خالاس قىلىشى مۇمكىن.

  يېقىندا ئامېرىكا سېئاتىلدىكى ئالتە ئائىلە بىر تۈرلۈك تەجرىبىگە قاتناشقان، تەجرىبىدە ھەر بىر ئائىلىگە ئۆزگەرتىپ ياخشىلانغان ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر ۋە بىردىن سىمسىز تور روتېرى(器由路) قويۇپ قويۇلغان. ئۆزگەرتىپ ياخشىلانغان ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر 24 سائەت ئىچىدە پەقەت سىمسىز تور روتېرى سىگنالى ئارقىلىق زەرەتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە روتېر يەنە بۇ ئائىلىنى سىمسىز تور سىگنالى بىلەن تەمىنلەپ تۇرغان.

  سىمسىز توردىن پايدىلىنىپ زەرەتلەشنىڭ مۇمكىنچىلىكى زادى قانچىلىك بولىدۇ؟ بۇ تەجرىبىدە سىمسىز تور روتېرى تارقاتقان سىمسىز رادىيو دولقۇنى ئېنېرگىيەسى توك توغرىلىغۇچ ئارقىلىق تۇراقلىق توكقا ئايلاندۇرۇلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا تۇراقلىق توك ئالماشتۇرغۇچ ئارقىلىق بېسىمى ئۆرلىتىلىپ ئىشلىتىلىش دەرىجىسىگە يەتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى قۇياش باتارېيە تاختىسىدىن پايدىلىنىپ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇشقا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

  يۇقىرىقى سىستېمىدىن پايدىلىنىپ تېمپېراتۇرا سېنزورى، پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسى تۆۋەن باتارېيەسىز فوتو ئاپپارات ۋە زەرەتلىك ئۆلچەملىك باتارېيە قاتارلىقلارنى زەرەتلەشكە بولىدۇ. بىراق ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى سېئاتىل شۆبە مەكتىپىنىڭ تەتقىقاتچىسى، مۇشۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ۋامسى. تانانىڭ ئېيتىشىچە، سىمسىز تور روتېرىدىن پايدىلىنىپ ئۈزلۈكسىز ھەم يېتەرلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى تېخى ئۈنۈملۈك ھەل بولماپتۇ.

  كىشىلەر تورغا چىقىپ تور بەتلىرىنى ۋاراقلىغان، كىنو – تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كۆرگەن ۋە ماتېرىيال چۈشۈرگەن چاغلاردا سىمسىز تور سىگناللىرى جانلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئېلېكتىرلىك ئۈسكۈنىلەرنى زەرەتلەشكە بولىدۇ. ئەگەر تورغا چىقىدىغان ئادەم يېتەرلىك بولمىسا سىمسىز تور سىگناللىرى جانلىنىش ھالىتىگە كىرەلمەي ئېلېكتىرلىك ئۈسكۈنىلەرنى زەرەتلەشكە ئاۋارىچىلىك كەلتۈرىدۇ. تانانىڭ ئېيتىشىچە ‹‹سىمسىز تور ئارقىلىق ئۇچۇر – ئالاقە ئېلىپ بېرىشتا پەقەت يوللاشقا تېگىشلىك زۆرۈر سانلىق مەلۇمات سىگناللىرى يوللىنىدۇ. ئەمما سىمسىز تور ئارقىلىق زەرەتلەش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن سانلىق مەلۇماتلار ئۈزلۈكسىز يوللىنىپ تۇرۇشى كېرەك بولىدۇ. دېمەك سىمسىز تور ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاش بىلەن سىمسىز تور ئارقىلىق زەرەتلەش ئوتتۇرىسىدا كۆرۈنەرلىك ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت بولىدۇ››.

  بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەتقىقات گۇرۇپپىسى ھېچكىم تورغا چىقمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئەھمىيەتسىز سانلىق مەلۇماتلارنى ھەر خىل سىمسىز تور يوللىرىغا ئۈزلۈكسىز يوللاپ تۇرىدىغان بىر خىل يۇمشاق دېتالنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. كىچىك تىپتىكى ئۈسكۈنىلەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ زەرەتلىنىشكە ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما سىمسىز تور ئاجىز سىگناللار بىلەنلا تەمىنلەيدۇ، كۈچلۈك سىگناللار بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ.

    ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرى بېللېۋېيدىكى ئوسسىيا شىركىتى بۇنىڭغا قارىتا ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنى ئۇلار ‹‹كوتا›› دەپ ئاتىلىدىغان بىر سىستېمىدىن پايدىلىنىپ، سىمسىز تور لىنىيە توپلاشتۇرغۇچ لايىھەلەپ سىمسىز تور چاستۇتىسىدا ئۇچۇر – ئالاقە سىگناللىرىنى يوللىماستىن، رادىيو دولقۇنلىرىنىلا يوللايدۇ. كوتا لايىھەسىدە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 ۋات قۇۋۋەت ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، بىراق بىر تېلېفوننى بىر ۋات قۇۋۋەت بىلەنلا تەمىنلەيدۇ. ئوسسىيا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ھاتېم. زېينې مۇنداق دەيدۇ: بۇنىڭ سىمسىز تور بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بىزنىڭ قۇۋۋەت سىگنالىمىز رەتسىز، ئەمما ئۈزلۈكسىز بولغان ئېلېكتىر دولقۇنلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۇچۇر بولمايدۇ. زەرەتلەنگۈچى ئۈسكۈنىلەردىكى دېمودۇلياتسىيەلەش ئۆزىكى بۇ سىگناللارنىڭ كوتادىكى ئانتېننالارنىڭ قايسىسىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى لىنىيە توپلاشتۇرغۇچقا ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ ئانتېننالار ئەسلىدىنلا جانلانغان ھالەتتە بولۇپ، ئۆي ئىچىدىكى باشقا جىسىملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.



خەتكۈچلەر:
04-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-05-2016
IT ئائىلىسى تورى بۇلتۇر 6-ئايدا كۆپچىلىككە سۇدا لەيلەيدىغان ئەقلىي يانفون Comet گە ئائىت خەۋەرلەرنى سۇنغان، ئەينى ۋاقىتتا بۇ يانفون Indiegogo سۇپىسىدا جامائەت مەبلىغى جەلىپ قىلىشنى يېڭىدىن باشلىغان، پىلان بويىچە، ئەگەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھا...
16-05-2016
نوكىيا يىقىندا Withings نامىدىكى ئىدراكلىق تاقىما ئۈسكۈنە شىركىتىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقىنى جاكارلاپ، رەقەملىك ساغلاملىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى سىرتقا ئاشكارىلىغان. بىراق، نوكىيانىڭ ئارزۇسى يالغۇز بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايد...
16-05-2016
بېتا تورىنىڭ 15-مايدىكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى 14-ماي Facebookنىڭ قۇرغۇچىسى، ئىجرائىيە باش ئەمەلدارى زاكىربېرگنىڭ 32 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، ئۇنى تەبرىكلەشكە ئەرزىگۈدەك سان- ساناقسىز سەۋەبلەر بار. زاكىربې...
15-05-2016
گەرچە بۇنى خۇشاللىنارلىق ئىش دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما سونىينىڭ يېڭى بايراقدار يانفونى Xperia Z6 نى كۈتۈۋاتقان كەڭ مەستانىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ كۈتۈشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يىقىندا ئۆتكۈزۈلگەن سونىي ئاسىيا را...
15-05-2016
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 15-ماي تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 10:43 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىزنىڭ جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە، ئۇزۇن سەپەر 2-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق، يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھى-30 مۇۋەپپەقىيەتلىك...
15-05-2016
چەتئەل تاراتقۇسى VTECH نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىكروسوفت ئەنئەنىۋى نۇسخىدىكى ئىقتىدارلىق يانفون (ئەقلىي ئىقتىدار ھازىرلىمىغان) كەسپىدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن ئىكەن. مىكروسوفت شىركىتى نوكىيا ئىقتىدارلىق يانفونلىرىنى 10 يىل ئىشلەپچىقىرىش ھوقوق...
15-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 14-ماي تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    دۆلەت سىتاتىستىكا ئىدارىسى 13-ماي 2015-يىللىق ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئىش ھەققى ئەھۋالى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. تىزىملىكتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەيلى چەتئەل شىركىتى ب...
15-05-2016
بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: بىز ئادەتتە ئەسلىدىكى باھاسىدىن نەچچە ھەسسە ئۆرلەپ كەتكەن ئالما مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ كۆرگەن، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى بىر قىسىم ئاسارە ئەتىقە قاتارىدا ساقلىنىدىغان ئەتىۋارلىق ئۈسكۈنىلەردۇر، مەسى...
15-05-2016
يان تېلېفون توكىنىڭ قانچىلىك يېتىشى ئىشلەتكۈچىلەر يان تېلېفون سېتىۋالغاندا ئويلىشىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، بۇ يىلقى iPhone 7 ئۈچۈن، ئالما شىركىتى تېخىمۇ ئىلغار بولغان باتارېيە تېخنىكىسى ئىشلىتىش مۇمكىن، بەزى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئ...
14-05-2016
it ئائىلىسى 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرى: شارىپنىڭ يانفون بازىرىدا ئىگىلىگەن بازار ئۈلۈشى ئانچە چوڭ ئەمەس، لېكىن ھەر قېتىم ئېلان قىلغان يانفونلىرى بىر-بىرىدىن سەرخىل؛ شارىپنىڭ ئەڭ يېڭى يانفونى Auqos Zeta SH-04H ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تورىNTT...
Powered by Leglek