4-فېۋرال سائەت 0:30 دە چېلىنغان گۈدۈك ئاۋازى بىلەن تەڭ گۇاڭجۇ تۆمۈريول گۇرۇھىنىڭ 3806 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزى 2000 دىن ئارتۇق يولۇچىنى ئېلىپ گۇاڭجۇدىن چۇڭچىغا قاراپ يولغا چىقتى، بۇنىڭ بىلەن گۇاڭجۇ تۆمۈريول لىنىيەسىدە چاغانلىق يولۇچى توشۇش رەسمىي باشلاندى.
گۇڭجۇ تۆمۈريول گۇرۇھى 2015-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە 41 مىليون يولۇچى (ئادەم / قېتىم) توشۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4 مىليون 570 مىڭ (ئادەم/قېتىم) يولۇچى كۆپ ئىكەن. گۇاڭجۇ تۆمۈريول گۇرۇھى باشقۇرۇشىدىكى 10 يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسىدە 22 مىليون 110 مىڭ يولۇچى(ئادەم /قېتىم) توشۇش پىلانلانغان بولۇپ، گۇاڭجۇ تۆمۈريول گۇرۇھى تۇنجى قېتىم چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە %50 دىن ئارتۇق توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved