خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 4-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، 2014-يىلى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، گېرمانىيەنىڭ خېسسېن ئىشتاتى ئوففېنباچ شەھىرىدە بىر نەپەر ئىستۇدېنت قىز پاراكەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان ئىككى كىچىك قىزنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا قاتتىق تاياق يەپ ، بەختكە قارشى ئۆلۈپ كەتكەن . ئۇنىڭ ئادالەت يولىدىكى پىداكارلىقى گېرمانىيەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان . شۇ يەر ۋاقتى 3-دېكابىر نەچچە مىڭلىغان گېرمانىيەلىك بۇ ‹‹ئايال قەھرىمان ›› نىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان .
خەۋەردە دېيىلىشىچە ، بۇ تۈركىيەلىك ئىستۇدېنت قىزنىڭ ئىسمى تۇگسې ئالبايراك بولۇپ ، بۇ يىل 23 ياش ئىكەن . شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە ئۇ دوستى بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئوففېنباچ شەھىرىدىكى بىر رېستۇراندا كۆرۈشكەن ھەمدە تازىلىق ئۆيىگە يېقىنلا يەردە بىر نەچچە ئەرنىڭ ئىككى كىچىك قىزغا پاراكەنچىلىك سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىدۇ ھەمدە قىزلارنى قوغدىماقچى بولىدۇ . كۈتۈلمىگەندە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن قىزنىڭ باش قىسمىغا قاتتىق ئۇرۇۋېتىدۇ ، نەتىجىدە قىز داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ .
تۇگسې ئالبايراكنىڭ دەپنە مۇراسىمى گېرمانىيەدىكى بىر مەسچىت سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ، ئۇنىڭ جەسىتىگە گېرمانىيە ۋە تۈركىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى يېپىپ قويۇلغان . تۈركىيەنىڭ گېرمانيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار قىزنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان .
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved