مىسىرغا ياردەم بېرىش يىغىنى شەرم شەيىختە ئېچىلدى

جاھان ئاگېنتلىقى 13-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىرنىڭ كەلگۈسى باش تىما قىلىنغان ئىقتىسادى ھەمكارلىق يىغىنى، نۇرغۇنلىغان دۆلەت رەھبەرلىرى، مىنىستىرلار ۋە خەلقئارالىق شىركەت خادىملىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مىسىرنىڭ شەرم شەيىخ رايۇندا ئېچىلدى.
يىغىن زور بىخەتەرلىك تەدبىىرلىرى ئاستىدا ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ، سۇدان پرېزىدېنتى ئۆمەر بەشىر، كۇۋەيت ئەمىرى جابىر ئەھمەد ساباھ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادە مۇقرىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز قاتارلىقلار بىلەن بىرگە نۇرغۇنلىغان خەلقئارا تەشكىلات ۋە شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مىنىستىرلار قاتناشتى.
مىسىر ھۆكۈمىتى زور ئۈمىد كۈتكەن يىغىنغا 60 دۆلەت تەكلىپ قىلىندى. مىسىر ھۆكۈمىتى ئىقتىسادى قىيىنچلىقتتىن چىقىش يولى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، بۇ يىغىن بىلەن دۆلەتكە خەلقئارالىق مەبلەغلەرنى سېلىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى پىلانلىماقتا.
مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى ئېچىلىش مۇراسمىدا سۆز قىلىپ، دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇقىملىق ئۈچۈن بىر مىخانىك تېشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، سىسى يەنە رايۇننىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن مىسىرنىڭ زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
مىسىرغا تۇنجى ياردەم بېرىش ۋەدىسى كۇۋەيىت ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلدى، ھەر ئىككى دۆلەت مىسىرغا 4 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئىككى دۆلەتتىن كېيىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ مىسىر ئىقتىسادىغا 4 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ياردەمنىڭ 2 مىليارد دوللىرى مىسىر مەركىزى بانكىسىغا، يەنە 2 مىليارد دوللىرى مىسىر ئىقتىسادىغا ياردەم سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.
مىسىر ھۆكۈمىتى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ۋە خەلقئارا شىركەتلەرنى مىسىردا مەبلەغ سېلشقا چاقىرغان بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلب قىلىش ئۈچۈن بىر قانچە بىئوكراتىك ۋە ھەق-ھۇقۇققا ئالاقىدار چەكلىمىلەرنىڭ بىكار قىلىنىشىغا دائىر خىزمەتلەرنى باشلىماقتا. مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى، تۈنۈگۈن مەبلەغ سېلىشقا تەشۋىق قىلىش مەقسەت قىلىنغان يېڭى قانۇن ماددىلىرىنى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ ئۆزگەرتىش بىلەن شىركەتلەر ئۈچۈن باج تۈلەش نىسبىتىنى يۈزدە 30% دىن يۈزدە 22.5% چۈشۈردى.
ھۆكۈمەتتە يىغىنغا قاتنىشىدىغانلارغا سۇنۇلىدىغان 50 پارچە پىلاننىڭ بارلىقى مەلۇم بولماقتا. يىغىندا 35 مىلياد دوللارلىق مەبلەغكە ئېرىشىش پىلانلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى، بۇ يىغىن يەنە ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ.



14-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-03-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: جۇڭگودىكى بىرىنچى باي ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يىراقنى كۆرەر ئەمەس ھەمدە خەلقئارالىق باشقۇرۇش ئۆلچىمى كە...
06-02-2016
         جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راسچوت سىستېمىسىدا قوغداش كۆزنىكى جەمئىي 12 قېتىم قوزغىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدى...
05-02-2016
        بۈگۈن بازار ئېچىلىغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكەچى بىر مەھەل ئۆستى، كېيىن تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈشكە باشلىدى، چۈشتىن كېيىن بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %0.63 چۈشت...
05-02-2016
         چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى بابا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسى Flipkart قا مەبلەغ سالماقچى بولغان، ئەمما سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن Flipkart نىڭ مۆلچەر باھانى 15 مىلىيارد د...
05-02-2016
       جۈمە2-ئاينىڭ5-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1155 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 4ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى،...
05-02-2016
     ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچېكى بازىرىدىن 15 تىرلىيۇن دوللار پارغا ئايلىنىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامان بولدى . 2016-يىلى كىرگەندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا پايچې...
05-02-2016
     سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 5- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا « ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومىتېتى » 4- فىۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى كەلگۈسى 10 يىل...
05-02-2016
        خەلقئارا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ئاللىقاچان تېز ئۆسۈش دەۋرىگە كىردى، ئىككى كۈن ئىچىدە %99.5 لىك نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللار ئۆسۈپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنى خېلىلا سەمىرتىپ قويدى. 3- فى...
04-02-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل نۆۋەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىنلىقىنى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشك...
04-02-2016
      2- ئاينىڭ 3- كۈنى نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1126 دوللار بولغان ئىدى، ھالبۇكى بۈگۈن ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى بىراقلا 17 دوللار ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 1143 دوللارغا...
Powered by Leglek