مىسىر «مۇشت» ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىلون مەھسۇلاتلارنىڭ مىسىرنىڭ ھەقىقىي قول ھۈنەر بۇيۇملىرىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىپ، مىسىرنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر سەنئىتىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەدەنىيەت مىراسلىرى مىنىستىرلىقى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قانۇنىنى «يولغا قويۇشى» كېرەك ئىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئەرەب تىلىدىن باشقا، خەنزۇ تىلىمۇ مىسىردىكى چوڭ قول ھۈنەر بۇيۇملىرى بازىرىدا ئاستا- ئاستا مودا بولۇپ كەتتى، ھەتتا ئىنگلىز تىلىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان ئۇنىۋېرسال تىلغا ئايلاندى. مىسىرغا ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىنىڭ بايقىشىچە، ئۇ سېتىۋالغان مەلۇم بىر ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇمى ئىچىدە خەنزۇچە چۈشەندۈرۈش بار ئىكەن. مىسىردىكى داڭلىق خان خەلىلى بازىرىدا، ساياھەتچىلەر «جۇڭگودا ياسالغان» مەھسۇلاتلارنى ناھايىتى ئاسانلا تاپالايدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، مىسىرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان بۇيۇملار ئەڭ كۆپ ئىكەن.
ئىلگىرى، مىسىرنىڭ يەرلىك ئەنئەنىۋى قول ھۈنىرى بىلەن ياسالغان سامان قەغەز رەسىمى، ئەلئېھرام مودېلى قاتارلىقلار مىسىرغا كەلگەن ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان مەھسۇلاتلار ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «جۇڭگودا ياسالغان» تەقلىدىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەرزان باھا بىلەن تېخىمۇ كۆپ چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. مىسىردىكى قول ھۈنەرۋەنلەر بۇنىڭدىن تولىمۇ نارازى بولدى.
مىسىر ھۆكۈمىتىمۇ «جۇڭگودا ياسالغان» نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنىڭ مىسىرنىڭ قول ھۈنەر بۇيۇملىرى بازىرىنى ئىگىلىۋالغانلىقى، مەدەنىيەت يادىكارلىقى تەقلىدىي بۇيۇملىرى ئاساس قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر سانائىتىنى يوقىلىش گىردابىغا دۇچار قىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.ماقالىدە مۇنداق مۇراجىئەت قىلىندى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مىنىستىرلىقى مىسىرنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇپ، 1983- يىلى ئېلان قىلىنغان ھەمدە 2010- يىلى تۈزىتىلگەن «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى» غا ئاساسەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەقلىدىي بۇيۇملىرى تىجارىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك.
مەسىلەن، تاموژنا تارماقلىرى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مىسىرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىشىنى چەكلەش؛ قول ھۈنەر بۇيۇملىرى خام ماتېرىيالىرىنى يۇقىرى باھادا ئىمپورت قىلىدىغان مىسىرلىقلارغا تولۇقلىما بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خام ماتېرىيال ئىمپورت قىلىشقا قارىتا نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش؛ مىسىرنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى قوغداش پىلانى تۈزۈپ، يېڭى دۇكانلارنى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى بۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن تەربىيەلەش، ھەمدە ماددىي جەھەتتىن قوللاش؛ ساياھەت- تەرەققىيات ئىدارىسى مىسىرنىڭ قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ئۈچۈن چېگرا سىرتىدىكى بازارنى كېڭەيتىشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved