خۇاۋېي يانفونلىرى ھازىر پۈتۈن كۈچىنى بىر يەرگە يىغىۋاتىدۇ، چۈنكى، خۇاۋېينىڭ نىشانى ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى ئىستېمال بازىرىدا مەزمۇت پۇت دەسسەپ تۇرۇپ، كەلگۈسىدە سامسۇڭ ۋە ئالما شىركىتىگە ھەقىقىي زەربە بېرىش.
ئالدىنقى ھەپتە خۇاۋېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلىرىنىڭ 2015-يىللىق مال چىقىرىش مىقدارى 100 مىليونلۇق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئاچقان، يىغىندىن كىيىن، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ يانفون كەسپى تارمىقىغا مەسئۇل ئەمەلدارى خېگاڭ سۆز قىلىپ، كەلگۈسىدە 5000 يۈەنلىك يانفون ياساپ چىقىش ئويى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
خې گاڭ سۆزىدە تەكىتلەپ، خۇاۋېي يانفونلىرىنىڭ ئاللىقاچان باھا جېڭىدىن قۇتۇلۇپ چىققانلىقى، 3000~4000 يۈەنلىك يانفون بازىرىدا پۇت دەسسەپ تۇرغانلىقى، شۇنىڭدەك دۆلەت ئىچىدىكى بازار ئىگەللەش نىسبتىنىڭ %30 نى ئىگەللىگەنلىكىنى ئېيتقان.
ھازىرقى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خۇاۋېينىڭ نىشانى كەلگۈسىدە 5000 يۈەنلىك يانفوننى بازارغا سېلىش، بۇ ئارقىلىق يۇقىرى ئىستېمال بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئىكەن.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، خۇاۋېي بۇ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، D تۈرىدىكى يانفونلىرىنى قايتا «تېرىلدۈرىدىكەن»، كەلگۈسىدە ئېلان قىلىنىدىغان D تۈرىدىكى يانفونلار Mate S بىلەن قوشۇلۇپ، سامسۇڭنىڭ Galaxy S6、Galaxy S6 Edge قاتارلىق بايراقدار يانفونلىرى بىلەن كەسكىن رىقابەتكە چۈشىدىكەن، Mate ۋە P تۈرىدىكى يانفونلىرى بولسا سامسۇڭ Galaxy Note ۋە Galaxy A قاتارلىقلار بىلەن كۈچ ئېلىشىدىكەن.
ئىلگىرى توردا خۇاۋېينىڭ D8 نامىدىكى يېڭى يانفونىغا ئائىت بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغان. ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، بۇ يانفونغا كىرىن 960 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 4GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، ئېنىقلىقى 2K بولغان 5.5 دىيۇم ئېكران ۋە كۆك ياقۇت ئەينەك قەۋىتى قاتارلىقلار سەپلىنىدىكەن.
ئەگەر خۇاۋېي 5000 يۈەنلىك يانفون ياساپ چىقسا، سىلەرچە سېتىلىشى قانداق بولا؟
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved