تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ياشلار ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 23 - نويابىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە «لېشې» پاي كونترول شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى ئابلىكىم ئابلىمىت، بېيجىڭ «دۇڭمەي» ئىنتېرنېت پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جاۋ لۇڭ قاتارلىق ئېلىمىزدە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشلىرى ۋە ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەجرىبە تونۇشتۇردى.
ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە «ياشلارنىڭ ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولايلى» دېگەن تېمىدىكى 2015 - يىللىق «شىنجاڭ ياشلار ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى يولغا قويغان. بۇ پائالىيەت 11 تۈر بويىچە 27 - نويابىرغىچە داۋاملىشىدىكەن.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved