مالايسىيە نۆۋەتچى ئايرۇپىلانىدىكى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ۋەتەنداشلار ئېلان قىلىندى

مالايسىيە نۆۋەتچى ئايرۇپىلانىدىكى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ۋەتەنداشلار

 

 

سوخۇ تورى خەۋىرى : لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 


3-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەردە،مالايسىيا ئاۋئاتسىيە شىركىتنىڭ بىر كۇئالالۇمپۇردىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانى ئەسلىدە پىلان بويىچە بېيجىڭ ۋاختى 16دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭ خەلقئارا ئايدۇرۇمىغا قونۇشى كىرەك ئىدى.لىكىن سەھەر سائەت 1:20 ئۆتكەندە باشقۇرۇش مەركىزى بىلەن ئالاقىشى ئۈزۈلۈپ قالغان.يىقىلغۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا يەتتە سائەت بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بولۇپ،ئايرۇپىلاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىتىم بەرگەن سىگنالى جەنۇبىي دېڭىز رايۇنىدا بولغان.
مەزكۇر ئايروپىلاندا جەمئىي 239 ئادەم بار بولۇپ ،14 دۆلەتتىن بولۇپ،جوڭگۇلۇقلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ئىكەن.بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگۇلۇق يولۇچىلارنىڭ سانى 154 نەپەر (بىر نەپەر تەيۋەنلىك يولۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)  بولۇپ،ئۇلار تېخى بىر نەچچە سائەت بۇرۇن ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن تىلىفۇندا ئالاقىلاشقان،لىكىن ھازىر جىددىيلەشكەن ئائىلە تاۋاباتلىرى ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى كۈتمەكتە. 


ئايرۇپىلاندىكى جوڭگۇلۇق يولۇچىلارنىڭ تەپسىلى ئۇچۇرى تۆۋەندىكىچە:

 


جوڭگۇلۇق يولۇچىلارنىڭ ئۈچتىن بىرى 80 يىلدىن كىيىن تۇغۇلغانلار

 


مالايسىيە ئاۋئاتسىيە شىركىتى تەمىنلىگەن تىمىزلىكتە كۆرسىتىلىشىچە،جڭگولۇق يولۇچىلارنىڭ ئۈچتىن بىرى 80 يىلدىن كىيىن تۇغۇلغانلار ئىكەن،65 ياشتىن چوڭلار تەخمىنەن 20 كىشى،يىشى ئەڭ چوڭى 1935-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ،79 ياشتا ئىكەن.

 

جوڭگۇلۇق يولۇچىلار ئىچىدە بىر نەچچە رەسسام بار ئىكەن

 


جوڭگۇ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئىلان قىلىشىچە،24 نەپەر جوڭگۇ رەسسام ۋە 5 نەپەر خىزمەتچى بۇ قىتىملىق ئايرۇپىلاندا بولۇپ، جوڭگۇ خەتتاتلىق جەمئىيىتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مېڭ گاۋ شىڭ،جىياڭسۇ نەنجىڭلىق خەتتات ليۇ رۇ شىڭ،جياڭسۇ ئۆلكىسى رەسساملار جەمئىيىتى ئەزاسى ۋاڭ لىن شى،سىچۈەن ئۆلكىسىلىك خەتتات جاڭ جىن چۈەن،سىچۈەن ئۆلكىسىلىك رەسساملار جەمئيىتنىڭ ئەزاسى ماۋ تۇ گۈي ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندىكى رەسسام مەمەتجان ئابلا قاتارلىقلار ئىكەن.

 


17 نەپەر يولۇچىنى ماتىريالى،ئۇلارنىڭ ئىچىدە 15 رەسسام،بىر رەسسامنىڭ ئايالى ۋە بىر پىسخىكا مۇئەللىمى بار ئىكەن.

 

1.ليۇ رۇ شىڭ ،1937-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى نەنجىڭ شەھرى دوڭجخياڭلىڭ ترايۇنىدا تۇغۇلغان.1958-يىلى بىيجخڭدىكى مەركىزى تىياتىر ئىنۇستىتىنىڭ رەسساملىق فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنىپ،ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،بېيجىڭدا قىلىپ خىزمەت قىلغان.ئۇ جوڭگۇ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى،نەنجىڭ شەھەرلىك خەتتاتلار ئىدارىسى خەتتات تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋە ئالىي دەرىجىلىك رەسسامى ئىدى.

 


2.باۋ يۈەن خۇا،1951-يىلى تۇغۇلغان.نەنجىڭ شەھەرلىك پەن تىخنىكا سىتاستىكا ئىدارىسى باشلىقى ليۇ رۇ شېڭنىڭ ئايالى.

 


3.بىيەن ماۋ چىن،ئايال،1947-يىلى تىيەنجىندا تۇغۇلغان،1964-يىلى بېيجىڭ شەھەرلىك 8-قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ،بېيجىڭ شەھەرلىك قىزىل بايراق مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن.1968-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە بىيجىڭ كومپىيوتىر زاۋۇتىدا ئىشلىگەن.

 


4.چې جۈن جاڭ،1946-يىلى تۇغۇلغان.2009-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى تەيجىچۈەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.

 


5.دوڭ گو ۋىي،1966-يىلى تۇغۇلغان.كىچىكىدىن باشلاپ گۈزەل سەنئەتكە ئىشتىياق ياغلىغان بولۇپ،89-يىلى نەنجىڭ پىداگوگا ئۇنۋىرسىتى گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.93-يىلىدىن باشلاپ نەنجىڭ پىداگوگا مەكتىپىدە ئىشلىگەن.

 


6.فىڭ جى شىن،1944-يىلى 1-ئايدا ئەنخۇي جىنجەي ناھىيەسىدە تۇغۇلغان.ئەنخۇي ئۆلكىسى گۈزەل-سەننەت جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى،ليۇ ئەن شەھرى گۈزەل سەننەت جەمىيتىنىڭ مەسلىھەتچىسى،

 


7.لى مىڭ،1945-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان،جياڭشى ئۆلكىسى جاڭشۇ شەھرىلىك.ھازىر جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى،جياڭشى ئۆلكىلىك سىياسى كىڭەش مەدەنىيەت تارىخ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

 


8.ليۇ جوڭ فۇ،شەن دوڭلىق،1942-يىلى تۇغۇلغان،لياۋنىڭ پىداگوگا ئۈنۋىرسىتىتىنىڭ گۈزەل-سەننەت كەسپىنى پۈتتۈرگەن.كۆپ يىل گۈزەل سەنئەت مائارىپى بىلەن شۇغۇللانغان.ھازىر جوڭگۇ خەتتارلار جەمئىيىتىنىڭ كىڭەش ئەزالىق ۋەزىپىسى،جوڭگۇ يىغىپ ساقلاش جەمئيتى ئەزاسى،جوڭگۇ گۇمانىتار پەنلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى قاتارلىق بىر نەچچە ۋەزىپىنى ئۆتەۋاتىدۇ.

 


9.ماۋ تۇ گۈي،جوڭگۇ ھازىرقى زامان گۈزەل سەنئەت بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى.

 


10.مىڭ گاۋ شىڭ،1950-يىلى شەنشى ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان.2000-يىلى جوڭگۇ خەتتاتلار بىرلەشمىسى تەربىيەلەش مەركىزىدە ئوقۇغان.

 


11.ۋاڭ لىن شې،ئەر،جياڭسۇ تەيجوۋ شەھرىدىن.جوڭگۇ ھۆسىنخەت ۋە رەسىم تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئەزاسى،جياڭسۇ ئۆلكىسى رەسساملار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى،نەنجىڭ شەھرى شئېر نەزمە ئىلمى جەميىتنىڭ ئەزاسى.

 


12.ياۋ جيەن فىڭ،1944-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى شاڭخەيدە تۇغۇلغان.ھازىر شىنجاڭ بىڭتۈەن <<شىنجاڭ بىيدۇن گىزىتى>>نىڭ ئالىي دەرىجىلىك گۈزەل سەننەت تەھرىرى،شىنجاڭ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەسساملار بىرلەشمىسىنىڭ باشقارما ئەزاسى،جوڭگۇ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

 


13.جاڭ جىن چۈەن،1942-يىلى سىچۈەن ئۆلكىسى شۇيوڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان.ئىلگىرى گۈيجوۋ ئۆلكىسى خەتتاتلىق جەمئىيىتىنىڭ كىڭەش ئەزاسى،ليۇ پەن شۆي شەھرى خەتتاتلىق جەمئىيىتنىڭ كىڭەش ئەزاسى بولغان.پىنسىيەگە چىققاندىن كىيىن بىيجىڭدا ئولتۇراقلاشقان.

 


14.جاۋ ياۋ فاڭ،ئايال،1941-يىلى 12-ئايدا جېجاڭ ئۆلكىسى دوڭ ياڭ شەھرىدەتۇغۇلغان.مۇئاۋىن پىراففىسۇر،پارتىيە ئەزاسى،جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋە نەنجىڭ شەھرى گۈزەل سەننەت بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى.

 


15.جوۋ شى جې،1950-يىلى چاڭشادا تۇغۇلغان.شىياڭ تەن ئۈنۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن.كىچىكىدىن باشلاپ خەتتاتلىق ۋە شئېرغا ئىشتىياق باغلىغان.30 يىلدىن كۆپرەك نەزىرىيە تەشۋىقات خىزمىتىنى قىلغان.

 


16.مەمەتجان ئابلا،1979-يىلى شىنجاڭ قەشقەر شەھرى كونا شەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان.ياش بىر ئۇيغۇر رەسسام.

 

 

17.ئەن ۋىن لەن،62 ياش،سىستىرا بولغان،پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى قىلغان.ئۇ گەرچە ئاتاقلىق رەسسام بولمىسىمۇ،لىكىن ئۆزىنىڭ رەسسام كۆرگەزمىسىنى ئاچقان.
ئىتراپ قىلىنىشىچە،يەنە نەنجىڭ شەھرى گۈزەل سەننەت بىرلەشمىسىنىڭ 5 نەپەر ئەزاسى ئايرۇپىلاندا ئىكەن.

 


جوڭگۇ لۇق يولۇچىلار ئىچىدە بىر تۈركۈم بۇددا دىنى مۇرتلىرى بار ئىكەن

 


بىر تۈركۈم جوڭگۇ بۇددا دىنى مۇرتلىرى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى جىلوڭپودا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا قاتناشقان ۋە 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەتىگەندە بۇ ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغان.

 


بىيجىڭدىن كەلگەن ئىككى بوۋاق يولۇچى

 


ۋاق فامىلىك (ئىككى ياش) ۋە خۇ فامىلىك (ئۈچ ياش)،بىيجىڭ دوڭجىڭ رايۇنى ۋە شىچىڭ رايۇنىدىن كەلگەن.

 


بىر ئائىلە كىشىلىرى تايلاندقا ساياھەت قىلغىلى بارغان

 


ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ دېيىشىچە،بىر ئائىلە كىشىلىرى تايلاندقا ساياھەتكە بېرىپ قايتاشىدا،مالايسىيەدە ئايرۇپىلان ئالمىشىپ،بۇ ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغان.

 


ۋەتەنگە قايىتقان باۋدىڭلىق ئىشلەمچى

 

 

تورداش:جاۋ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ ئوغلى مالايسىيەدە ئىشلەيدىغان بولۇپ،ئۇئون نەچچە خىزمەتدىشى بىلەن بىللە قايىتقان ئىكەن.

 


9 نەپەر پىنسىيەگە چىققان خىزمەتچى

 


جوڭگۇ ياشلار سىياسى مەكتىپىنىڭ پىنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ دوڭ چىڭنىڭ ئېيتىشىچە،گۇرۇپپىدا جەمئىي 23 ئادەم بار بولۇپ،ۋەتەنگە قايتقان چىغىدا ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ گۇاڭدۇڭ ۋە كۇئالالۇمپۇردىن ئايرۇپىلان ئالماشقان.گۇڭدۇڭدىن ئايرۇپىلان ئالماشقان 14 نەپەر ئادەم ئامان ئىسەن قايتىپ كەلگەن،كۇئالالۇمپۇردىن ئالماشقان 9 ئادەمنىڭ خەۋىرى بولمىغان.

 



09-03-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: سوۋخۇ خەۋەرلىرى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-05-2016
    2008- يىلىدىكىگە ئوخشاش، ئامېرىكا بەك كۆپ خەجلىۋەتتى ھەمدە بەك كۆپ قەرز ئالدى؛ ئىشلەپچىقىرىلمىلار تولىمۇ ئاز، ئامانەت پۇلىمۇ ئاز. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى 2009- يىلى ئەڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى يار...
02-05-2016
    ئېكۋادوردا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق 4- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىك ئاستىدىن 72 ياشقا كىر...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سار...
30-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كېنىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ 29-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، پايتەخىت نايروبىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي قى...
30-04-2016
شېنجىندا نىمكەش ئۆي باھاسى ئۇدا 18 ئاي ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش مىقدارى پەقەت 2259 يۈرۈش بولۇپ، 3-ئايدىكىگە قارىغاندا %49 تۆۋەنلەپ كەتتى، پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋ...
29-04-2016
     جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئەمدى «نىكاھ ئىسپاتى» تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ج...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەر جىنلۇڭ كەنتىدىكى بىر پارچە 3D سترېئولۇق رەسىم ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە. 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدىكى جىنلۇڭ كەنتى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، 442 كورپۇ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 27-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ ئەيليەن لوڭتېڭ سانائەت رايونىدىكى جوڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تېزلىكتە دايۈنچېڭ، لوڭدۇڭ، لوڭگاڭ، پىڭخۇ، خېڭگاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوت...
27-04-2016
2016-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى رۇڭشىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ سىرتقى تام گەۋدىسىدىكى تام چاپلاقلىرى  چۈشۈپ كېتىپ ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ...
26-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ سىلاۋۇتىچې شەھىرىدە خەلق ئاممىسى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چىرنوبىلدا يادرو ۋەقەسىدە قاز قىلغانلارنى خاتىرىلىگەن. 1986-يىلى 26-ئاپرېل، كىيېۋ شەھىرىنىڭ شىمالىغا 13...
Powered by Leglek