جاھان ئاگېنتلىقى 26-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىبى بان كىمون، يەمەندىكى كىرزىسنى ھەل قىلىشقا دىپلوماتىيە چارىسى تېپىش ئۈچۈن مەقسىتىدە موۋرىتانىيەلىك ئىسمائىل شەيىخ ئەھمەدنى يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلىدى. ئىسمائىل شەيىخ ئەھمەد ئەنگىلىيەلىك جەمال ئىبنى ئۆمەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزىۋېلىپ ھۇسىيلەر ۋە يەمەن ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ تىنچ شەكىلدە ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. شەيىخ ئەھمەد بۇنىڭدىن بۇرۇن ب د ت نىڭ بىر قانچە ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، يېقىندا ب د ت نىڭ ئىبولا ۋىروسىغا قارشى خىزمەت ئورنىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.
جەمال ئىبنى ئۆمەرنىڭ قولتۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ھۇسىيلەر ۋە يەمەن ھۆكۈمىتى ئارىسىدا داۋاملاشتۇرغان دىپلوماتىيە خىزمىتى غەلبىلىك بولمىغان ئىدى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدا بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرى 26-مارتتا يەمەنگە ھاۋا ھۇجمى قوزغىغان. قولتۇق دۆلەتلىرىنىڭ جەمال ئىبنى ئۆمەرنىڭ خىزمەتلىرىدىن رازى بولمىغانلىقى ۋە ئالماشتۇرۇلىشى ئۈچۈن ب د ت باش كاتىبى بان كىمونغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. جەمال ئىبنى ئۆمەر ھاۋا ھۇجۇمى باشلانغاندىن كېيىن 4 يىلدىن بۇيان ئۆتەۋاتقان ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ب د ت باش كاتىبىغا يەتكۈزگەن، 16-ئاپرېلدا ب د ت، ئۆمەرنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved