شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى «1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى » لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ياشانغانلار، بالا كۆتۈرىۋالغانلار، ئاغرىقلار، مېيىپلار ۋە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن توسالغۇسىز بېلەت سېتىۋېلىش كۆزنىكىنى كۆپەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئادەتتىكى بېلەت سېتىۋېلىش كۆزنىكىنىمۇ بەشتىن 11 گە كۆپەيتىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 28-ئاپرېل ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن ئىگىلىشىچە، 30-ئاپرېل شىنجاڭدىن چىقىدىغان ۋە شىنجاڭ ئىچىدە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتتىق كارىۋات بېلىتى بىر قەدەر قىس بولۇپ، قاتتىق ئورۇندۇق بېلىتى كۆپ ئىكەن. 1-مايدىن 3-مايغىچە شىنجاڭدىن چىقىدىغان ۋە شىنجاڭ ئىچىدە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتتىق كارىۋات بېلىتى ۋە قاتتىق ئورۇندۇق بېلىتى يېتەرلىك ئىكەن.
ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى بۇ ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدىن قومۇلغا قاتنايدىغان ئىككى جۈپ ئېلېكتىروۋۇز؛ خوتەن، قورغاس، كۇيتۈن قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان قاتتىق كارىۋاتلىق ۋاگونلارنى كۆپەيتىدىكەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved