ھىللارى كلىنتوننىڭ مۈشكۈل تاللاش ماۋزۇلۇق يېڭى كىتابى نەشرىدىن چىقىپ بازارغا سېلىندى

ئامېرىكىدا چىقىدىغان خىفىنتون پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىللارى كلىنتوننىڭ مۈشكۈل تاللاش ماۋزۇلۇق يېڭى كىتابى 10-ئىيۇن نەشردىن چىقىپ ئامېرىكىدا بازارغا سېلىنغان. ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ 1- خانىمى ۋە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان ھېللارىنىڭ يېڭى كىتابى جەلىبكار نۇقتىغا ئايلاندى. ھىللارى كلىنتون دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان تۆت يىلدا 112 دۆلەتتە زىيارەتتە بولدى، ئۇ كىتابتا ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ خاراكتېرىگە باھا بەرگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ ئاشۇ رەھبەرلەر بىلەن خەلقئارا سىياسىي سەھنىدىكى ئېلىشىش جەريانىنى ئېچىپ بەرگەن.


مۈشكۈل تاللاش ماۋزۇلۇق بۇ كىتاب 600 نەچچە بەت،25 باب بولۇپ، جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى ، بىن لادىننىڭ ئېتىپ تاشلىنىشى، لىۋىيەدە كازافىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ھىللارى كىتابىدا 2009-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ۋەزىپىسى ئۆتىگەن مەزگىلدە يولۇققان قىيىنچىلىقى، خىرىس ۋە ئارقا كۆرۈنىشى؛ ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىقارغان نۇرغۇنلىغان قىيىن تاللىشى ئالايلۇق: ئوباما بىلەن بۇزۇلغان مۇناسىۋىتىنى ئوڭشاش، ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشىنى قانداق ئاياغلاشتۇرغانلىقى ھەمدە يەر شارى پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقى قاتارلىق قارالمىلارنى تەسۋىرلىگەن.


ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلار مۇنداق دەپ قارىدى: ھىللارى ئىككى يىلدىن كېيىنكى زوڭتۇڭ سايلىمىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر كىتاب يازدى، بۇ كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا زوڭتۇڭ سايلىمىغا ئوخشايدىغان تەشۋىقات سۈرەتلىرىنىمۇ باستى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: مۈشكۈل تاللاشنىڭ تەشۋىقات كۈچى زوڭتۇڭ رىقابىتىدىن تۆۋەن ئەمەس. بۇ كىتابتا ھىللارى خەلقئارا ئىشلارنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغان، قىزغىن، ھېرىسمەن ئايال ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بېرىلگەن؛شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىللارىنىڭ ئەمەلىي تەرىپى ھەمدە كەلگۈسى يۈزلىنىشى نامايان قىلىنغان. ھول كوچىسى گېزىتىنىڭ باھاسىدا مۇنداق دېيىلدى: ھىللارىنىڭ بۇ كىتابىنى ئوقۇغاندا 2016-يىلىدىكى زوڭتۇڭ سايلىمى نۇتۇقىنىڭ ئورىگىنالىنى ئوقۇغاندەك بىلىنىدۇ. گەرچە ھىللارى زوڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن بېشارەت بەرگەندەك قىلىدۇ.

 

ھىللارى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان 4 يىلدا كۆپلىگەن دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىشتى. ئۇ يېڭى كىتابىدا بۇ داڭلىق سىياسىي شەخسلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى سۈرەتلەپ بەردى.


كىتابتا ھىللارى رۇسىيە زوڭتۇڭى پۇتىن ئەڭ چېقىشقىلى بولمايدىغان كىشى دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوباما زوڭتۇڭ بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە مۇناسىۋەتنى قايتىدىن ئورنىتالمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن پۇتىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم بەزىدە ياخشى بەزىدە ناچار بولدى. ئۇ ئىراننىڭ سابىق زوڭتۇڭى ئەخمەد نىجاد ئۈستىدە توختىلىپ، ئەخمەد نىجاد سوقۇشۇشقا ئامراق توزغا ئوخشايدۇ، ئۇ خەلقئارا سەھنىدە يورغىلاپ يۈرۈپ، ۋاشىنگتون بىلەن بولغان توڭلاپ قالغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش نىيىتىنى ئىپادىلىمىدى. ھىللارى ئىتتىپاقداشلىرى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: مىركىل جىمغور ئايال، فرانسىيەنىڭ سابىق زوڭتۇڭى ساركوزى سۆزنى كۆپ قىلىدۇ.


ھىللارى يېڭى كىتابىدا ئۆزىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىدىكى خاتالىقىنى ئۈستىگە ئالدى. شۇنداقلا سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەسىلىسىدە ئوباما بىلەن بولغان چەكنى ئايرىماقچى بولدى. ھىللارى كىتابىدا ئۆزىنىڭ ئوباما بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ ئىختىلاپى سۇرىيە مەسىلىسىدە پەيدا بولغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتلاپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ ئۆكتىچىلەرنى قۇرال ياراق بىلەن تەمىنلەشنى قوللىدى،بىراق ئوبامانىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.


ئۇ كىتابىدا مۇنداق دەپ يازدى: زوڭتۇڭ ئۆز يولىدا چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۆكتىچىلەرنى ھەربىي قۇرال ياراق بىلەن تەمىنلىدى. يېڭىلىق مۇنازىرىسىنى ھېچ كىم ياقتۇرمايدۇ. جۈملىدىن مەنمۇ شۇنداق. لېكىن بۇ ئامېرىكا زوڭتۇڭىنىڭ قارارى، مەن پەقەت ئۇنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىمەن. بىز ھەمكارلاشقان ۋاقتىمىزدا ئۇ پىكرىمنى ئاڭلايمەن دېگەن ئىدى،كۆپلىگەن ئەھۋاللاردا راستتىنلا شۇنداق قىلدى.



خەتكۈچلەر:
13-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-05-2016
بىرازىلىيە تۈرمىسىدىكى «ياۋۇز ئالۋاستى» دەپ ئاتالغان، ئېغىر جازابېرىلگەن جىنايەتچىلەر «يەر ئاستىدىكى ئاتامان» بولۇپ تۈرمە تەرتىپىنى باشقۇرىدۇ. نۇر تورى تەرجىمىسى:   بىرازىلىيەنىڭ پېرنامبۇكو شىتاتىدا ئاز دېگەندىمۇ ...
14-05-2016
يەر شارى تورى 14- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 7- كۈنى مىسسۇرى شىتاتىنىڭ كانزاس شەھىرىدىكى 10 ياشلىق بىر قىزچاق ...
14-05-2016
ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە دۆلەت قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ دېيىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 11-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 3 لەر ئەتراپىدا، ياپونىيە خانېدا ئايرودرومىنىڭ ئەمەلدارى بۇ ئايرودرومنىڭ A ئۇچۇش يولى ئەتراپىدا بىرقانچە ل...
14-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران 12-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، بىر يىلدا بىر قېتىم بولىدىغان مەككىدىكى ھەج قىلىشقا قاتنىشىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان. خەۋەردە دېيىلى...
14-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 13- ماي رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئامېرىكا شەرقىي ياۋروپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى ئورناتتى، رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلا مۇسابىقىسىگە چۈشمەيدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ قورال-ياراغنى ئۆ...
14-05-2016
ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى 12-ماي ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئالدىنقى يىلى ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدا ئاشلىق كېيىمىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ رايوندا تەخمىنەن 32 مىليون كىشى ئاشلىق بىخەتەرلىك تەھدىت...
14-05-2016
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېلىئونېز ھادىسى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى قورغاقچلىق ئاپىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئېغىر دەرىجىدىكى ئاشلىق كەمچىللىك ...
14-05-2016
   5-ئاينىڭ 12-كۈنى، خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش باشلىقلار يىغىنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ شۇشيەن (سولدا) يىغىنغا قاتناشتى. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون يىغ...
14-05-2016
       ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان زۇڭلىسىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئاچىز مۇنداق دېگەن: ئۈچ ئايدىن بۇيان پاكىستان-ئامېرىكا ئوتتۇرسىدا كۆپ قېتىم ئاراز...
13-05-2016
         ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
Powered by Leglek