ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئالدى بىلەن rss قانداق نەرسە بۇ ھەققىدە ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولايلى ئاندىن بۇ ئامبارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ ئۆتىمىز.
rss بولسا دائىملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تور بېكەت مەزمۇنلىرىنى يەتكۈزۈش شەكلى بولۇپ ،نۇرغۇنلىغان تور بېكەتلەر مەسىلەن ،خەۋەر تور بېكىتى ياكى بىلوگ قاتارلىقلار تور بېكەتتىكى مەزمۇننىڭ ئۆزگىرىشىنى ماس قەدەمدە تور بېكەت مەزمۇن ئۇچۇرىغا موھتاج بولغان كىشىگە يەتكۈزۈپ بىرىدۇ ،ئەلۋەتتە دىيارىمىزدىكى كۆپىنچە بېكەتلەر ئۇنىۋېرساللاشقان بولۇپ بۇلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك rss ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ئېچىلمىغان ،لېكىن تەلىيىمىز شۇكى دىيارىمىزدىكى كۆپىنچە كىشىلەر دۇنياغا داڭلىق مەزمۇن باشقۇرۇش سىستېمىسى wordpress ئارقىلىق بىلوگ ئىچىۋاتقانلار ئاز ئەمەس ،wordpress ئۆز ھالىتىدە rss ئىقتىدارى تەمىنلىگەن بولۇپ ،wordpress تە قۇرۇلغان ھەرقانداق بېكەتنىڭ rss ئىقتىدارى بار، دېمەكچىمەنكى بىز ھەرقانداق wordpress ئارقىلىق قۇرۇلغان بېكەتتىن شۇ بېكەتنىڭ rss ئۇچۇرىغا ئېرىشەلەيمىز،rss ئۇچۇرىغا ئېرىشتۇق دېگەنلىك ئۆزىمىز ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان بىلوگلاردىكى مەزمۇنلارغا ئېرىشتۇق دېگەنلىكتۇر ،مەسىلەن ھازىر نۇرغۇنلىغان rss ئوقۇيدىغان ئاندىرويىد ئەپلىرى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ بۇلار بىلەن rss ئىقتىدارى ئېچىلغان بېكەتتىن شۇ بېكەتكە كىرمەستىن يانفۇندىلا بېكەتنىڭ مەزمۇن يېڭىلىنىشنىدىن ھەرۋاقىت خەۋەردار بولۇپ تۇرغىلى بولىدۇ.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك مەن نەچچە كۈن سەرپ قىلىش ئارقىلىق rss ئانالىز قىلىش ئامبىرى تەييارلاپ چىقتىم ،بۇ ئامبار java تىلىدا يېزىلغان بولۇپ ،ئاندىرويىد ئەپ ئاچقۇچىلار بۇ ئامباردىن پايدىلىنىپ ناھايىتى تىزلا wordpress بىلوگلىردىن مەزمۇن ئوقۇپ ئالالايدۇ ،ئەپ ئاچقۇچىلار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزگەرتېۋالسا ياكى تېخىمۇ ياخشى ئىقتىدارلارنى قوشۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ ،ئەلۋەتتە ئاللاھ خالىسا بۇ تۈرگە داۋاملىق يېڭىلاش ئىلىپ بېرىپ ئەلالاشتۇرىمەن ،مەن بۇ rss ئانالىز قىلىش ئامبىرىنى پۈتۈن دۇنيادىكى يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ بازىسى بولغان ،ئوچۇق مەنبەلىك كود باشقۇرۇش سىستېمىسى github قا يوللىدىم ،ئاچقۇچىلار مۇناسىۋەتلىك ئادرېستىن بۇ ئامبارغا ئېرىشەلەيدۇ ئادرېسى :https://github.com/tormahiri/rss-okuguq
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
ئەلۋەتتە بۇنى ئىشلىتىش ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ياكى پىروگرامما تىلىدىن خەۋىرى بولمىغانلارغا ماس كەلمەيدۇ ،بۇ ئوچۇق مەنبەلىك rss ئانالىز قىلىش ئامبىرىنى پەقەت پىروگرامما سەۋىيەسى ۋە android قا ئەپ ئىچىپ باققان قېرىنداشلار ئىشلەتسە مۇۋاپىق ،ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەم يۇقىرىقى ئادرېسقا كىرگەندىن كىيىن ئامبارنى چۈشۈپ eclipse غا قوشىمىز ،بۇ ئامباردا ئىككى دانە مۇندەرىجە بولۇپ بىرسى android-RSS-Reader-Library-master ،يەنە بىرسى RSS-reader بولۇپ بىز ھەر ئىككىلىسنى eclipse غا ئەكىرىمىز ،Rss-reader غا android-RSS-REader-Library-master نى ئامبار قىلىپ تەڭشەپ بىرىمىز ،يەنى Rss-reader نورمال خىزمەت قىلىش ئۈچۈن android-RSS-REader-Library-masterغا تايىنىدۇ ، بۇ باسقۇچ تاماملانغاندىن كىيىن بىزنىڭ ئۆزگەرتىدىغىنمىز پەقەت rss-reader نىڭ ئېچىدىن adris.java دېگەن ھۆججەت بولۇپ بۇيەردە ئىككى دانە ئۆزگەرگۈچى مىقدار بار ،مەن بۇ ھۆججەت ئىچىگە تەپسلىي ئىزاھات يېزىپ قويدۇم ،ئانالىز قىلماقچى بولغان بىلوگىنىڭ rss ئادرېسنى TORBIKAT_ADIRSI ۋە TEHIMU_KOP دېگەندىن ئىبارەت ئىككى دانە ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا قىممەت قىلىپ بەرسەكلا ،مەزمۇننى يۈكلەش باشقا ئىشلارنى android سىستېمىسى ئۆزى بېجىرىدۇ.
خۇلاسە بۇ ئامبارنى قانداق ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرىسىدا بەك ئىنچىكە چۈشەندۈرمىدىم ،چۈنكى يۇقىرىقى چۈشەندۈرۈشلەر ئاندىرويىد ئەپ ئىچىپ باققان ھەرقانداق پىروگراممىرغا نىسبەتەن ناتونۇش ئەمەس ،ھەمدە دائىملىق قىلىدىغان مەشغۇلاتلار بولغاچقا يېتەرلىك دەپ قارايمەن ،ئاللاھ خالىسا بۇ ئامبار ئاز تولا پىروگراممىدىن خەۋىرى بار بېكەت باشلىقلىرى ياكى ئۈچىنچى تەرەپ شەخس بولمىسۇن تور بېكەتنىڭ ئەپ نۇسخىسىنى ياسىۋېلىشقا زور ياردىمى بولىدۇ ،مەن ھەتتا مۇكەممەل rss ئوقۇغۇچ ياساشقا كېتىدىغان بارلىق زاپچاسلارنى تەييار قىلىپ يېزىپ قويدۇم مەسىلەن progressbar,webview ,asynctask دېگەندەكلەرنى سىز پەقەت مەن يۇقىرىدا چۈشەنچە بەرگەندە rss-reader نىڭ ئىچىدىكى adris.java ھۆججىتىنىڭ ئىچىدىن ئانالىز قىلماقچى بولغان بېكەتنىڭ rss ئادرېسىنى ئۆزگەرتىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ ،ئۈمىدىم بۇ ئامبارنىڭ ئەپ ئاچىدىغان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردىمى بولسا ھە !
http://tormahiri.github.io/-/about.html
http://tormahiri.github.io/blog/java/2015/03/09/rssanalizkilguq.html
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved