پارىژ ھۇجۇمىدىن كېيىن

       «ئىسلام دۆلىتى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر پارىژغا ھۇجۇم قىلدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بېيرۇتتا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى، رۇسىيەنىڭ بىر نۆۋەتچى ئايروپىلانى سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا چۈشۈپ كەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تېررورىزم تەھدىتىنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدەك رېئاللىقنى كۈچەيتتى. «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ نېمىشقا ھۇجۇمغا تەشكىللىگەنلىكى ھازىر يەنىلا پەرەز باسقۇچىدا تۇرماقتا؛ «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ يېقىندا ئىراقتا زېمىننى تاتقۇزۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن يەر شارىدا قساس ئالماقچى بولغانلىق ئېھتىماللىقى يۇقىرى. ئەمما قانداقلا سەۋەب بولسۇن، جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى مۇقەررەر ئېنىق ئىنكاس قايتۇرۇش بولىدۇ.

      ئەمەلىيەتتە، «ئىسلام دۆلىتى» پەيدا قىلغان خىرىس كۆپ قىرلىق ئىنكاس قايتۇرشقا موھتاج، چۈنكى ئۆز ئالدىغا تاقابىل تۇرالايدىغان سىياسەت يوق. بىز كۆپ قىرلىق ساھەدىكى كۆپ قىرلىق ئىنكاس قايتۇرۇشقا موھتاج.

      بۇلارنىڭ بىرى ھەربىي ئىشلاردۇر. «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ھەربىي، نېفىت ۋە تەبىئي گاز ئەسلىھەلىرى ھەمدە رەھبەرلىرىگە ھاۋادىن زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىش ھەل قىلغۇچ مۇھىمدۇر. ئەمما مەيلى قانچە زور ھاۋا كۈچلىرى بولسۇن، ئۇرۇشنى يەككە-يېگانە ھەل قىلىشقا ئامالسىز. ئەگەر زېمىننى ئىشغال قىلماقچى ھەمدە ساقلاپ قالماقچى بولساق، چوقۇم زور مىقداردا يەر يۈزى قىسىمى ئەۋەتىشىمىز كېرەك.

بەختكە قارشى بولغىنى، نۆلدىن باشلاپ بىر يەر يۈزى ئىتتىپاقداش ئارمىيەسى قۇرۇشقا ۋاقىت يوق. قۇرۇشقا بۇرۇن ئۇرۇنۇپ باققان، ئەمما مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى، ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ بۇنداق يەر يۈزى قىسىمى قۇرۇشقا ئامالسىز ياكى خالىمايدۇ. ئىراق ئارمىيەسى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئىران قوللىغان خەلق ئەسكەرلىرى پەقەت ئىشلارنى تېخىمۇ چاتاق قىلىۋېتىدۇ.

    ئەڭ ياخشى تاللاش كۇرد ئارمىيەسى بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىش ھەمدە ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى سۈننىي مەزھىپىدىكى قەبىلىلەرنى تاللاپ چىقىش كېرەك. بۇ ئاخبارات تەمىنلەش، قوراللاندۇرۇش ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىشتىن دېرەك بېرىدۇ، نۆۋەتتە پەقەت 3500 ئامېرىكا ئەسكىرى بار، بۇ يېتەرلىك ئەمەس، ئېھتىمال ئەسكەر 10 مىڭدىن ئارتۇق بولغان مەشىقلەندۈرۈش، مەسلىھەتچى بولۇش ۋە قوماندانلىق قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ھەربىي ھەرىكەتكە موھتاج بولۇشى مۇمكىن.

    بۇ لايىھە چوقۇم كوللېكتىپ ھەرىكەت شەكلىدە ئەمەلىيلىشىشى كېرەك. بىرەسىمىي شەكىلدىكى ئامېرىكا، فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئەرەب دۆلەتلىرى، ھەتتا توغرا شەرت ئاستىدا رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «پىدائىيلار ئىتتىپاقى» بولسىمۇ بولىدۇ، ياكى ش ئا ئە ت ياكى ب د ت نىڭ قوللىشىدا بولسىمۇ بولىدۇ. قانداق تەشكىللىنىش مۇھىم ئەمەس، نەتىجىسى تېخىمۇ مۇھىم. ئەمما سىمۋول خاراكتېردە ئۇرۇش ئېلان قىلىشتا ئېھتىياتچان بولۇپ، «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ يېڭىلمەس ئوبرازىنى تىكلەپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

    دىپلوماتىيە ئىنكاسى قايتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى باشقا ھەرقانداق ئىنكاس قايتۇرۇشتىن قېلىشمايدۇ. سۇرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئەسەد «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئادەم قوبۇل قىلىشتىكى قورالى، ئۇ چوقۇم تەختتىن چۈشۈشى كېرەك. ئەمما ۋارىسلىق قىلىدىغان ھۆكۈمەت چوقۇم تەرتىپنى ساقلىيالىشى، «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ھوقۇق بوشلۇقىدىن پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقى، لىۋىيەنىڭ كونا يولىغا ماڭماسلىقى كېرەك.

    بۇنىڭدىن سىرت، تەرتىپلىك سىياسىي ئىسلاھات چوقۇم رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ قوللىشىدا يۈرگۈزۈلىشى كېرەك. ئىزدىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان قىسقا مەزگىللىك بىر تاللاش لايىھەسى بولسا يەنىلا ئاز سانلىق ئالاۋى مەزھىپى ۋەكىللىرى باش بولغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشتۇر، بۇ بەشار ئەسەدنى ھوقۇقتىن يىراقلاشتۇرۇشتىكى زۆرۈر يول قويۇشتۇر. نەزەرىيە جەھەتتە، بۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ ۋەكىللىككە ئىگە دۆلەت ھۆكۈمىتى بارلىققا كېلىشى مۇمكىن، گەرچە مەيلى قانداق شەكىلدە بولسۇن، 18 ئاي ئىچىدە سايلام ئۆتكۈزۈش پەقەت خام خىيال.

    ئەمما بۇ جەھەتلەردە مۇرەسسە قىلىش ئېھتىمال ئىنتايىن قىيىن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، چوقۇم ھەربىي ۋاسىتىنى زورايتىپ تېخىمۇ چوڭ تېخىمۇ كۆپ بۆلۈنمە رايون قۇرۇپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ۋە «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش كېرەك. مەيلى قايسى نۇقتىدىن قارىغاندا، سۇرىيە ئەمدى نورمال دۆلەت ئەمەس ھەمدە خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئىچىدە (ئەگەر مەڭگۈلۈك بولمىسىلا) نورمال دۆلەت بولۇشقا ئامالسىز. يېقىن كەلگۈسىدە، بۆلۈنمە رايون ۋە تايانچ بازىلاردىن تەركىب تاپقان سۇرىيە ئاندىن تېخىمۇ رېئال ئەندىزىدۇر.

   ئۈنۈملۈك ئىستراتېگىيەنىڭ باشقا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللىرى تۈركىيەگە تېخىمۇ چوڭ ياردەم ياكى بېسىم بېرىش، تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن تېرروچىلارنىڭ «ئىسلام دۆلىتى»گە كىرىشىنى توسۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈركىيە ھەمدە ئىئوردانىيە ۋە لىۋان تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ قوللىشىغا موھتاج، چۈنكى ئۇلار زور كۆپ قىسىم مۇساپىرلار يۈكىنى ئۈستىگە ئالدى. ئەرەب ۋە مۇسۇلمان رەھبەرلەرمۇ تۆھپە قوشۇپ، «ئىسلام دۆلىتى»گە رىقابەت ئېلان قىلىپ، «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قىلمىشىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى بۇزسا بولىدۇ.

    دۆلەت ئىچى سىياسىتىنىڭمۇ ئىستىقبالى بار. ۋەتەن بىخەتەرلىكى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئەھۋالى (چېگرا ۋە ئىچكى قوغداشنى كۈچەيتىدۇ) چوقۇم كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان تەھدىتكە ئاساسەن تەڭشىلىشى كېرەك. تارقاق تېررورچىلار (ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەتتىكى يۇمشاق نىشانلارغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىدىغان يەككە شەخسلەر ياكى كىچىك گۇرۇھلار)غا تاقابىل تۇرۇش ئەڭ تەس. ھۇجۇمنىڭ تەھدىتى ۋە رېئاللىقى تېخىمۇ چوڭ ئىجتىمائىي ئەسلىگە كېلىش كۈچىگە موھتاج، ئېھتىمال يەنە شەخسىي مەخپىيەتلىك ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا موھتاج بولۇشى مۇمكىن.

   بۇنىڭدىن سىرت يەنە رېئالىزىمغا موھتاج. «ئىسلام دۆلىتى» بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئەنئەنىۋى ئۇرۇش ئەمەس. بىز قىسقا مەزگىل ئىچىدە تۈپ يىلتىزىدىن «ئىسلام دۆلىتى»نى يوقىتىشقا ئامالسىز، چۈنكى ئۇ بىر تور، بىر يۈرۈش ئىدىيە ھەم زېمىن ۋە بايلىقنى كونترول قىلىۋاتقان تەشكىلات بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەمەلىيەتتىكى بىر دۆلەت.

   دەرۋەقە، تېررورىزم ھەمدە ئۇنىڭ داۋاملىشىشى ھازىرقى دەۋردىكى ئاپەت. ئەمما خۇش خەۋەر بولسا، «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە دۇنيادىكى باشقا رايونلارغا پەيدا قىلغان تەھدىتىنى داۋاملىق كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق زور دەرىجىدە ئاجىزلاتقىلى بولىدۇ. پارىژ ھۇجۇمىنىڭ ئاساسلىق ساۋىقى بولسا بىز چوقۇم ھەر ۋاقىت ھەرىكەت قىلىشقا تەييارلىنىشىمىز كېرەك.



خەتكۈچلەر:
28-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek