ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 1-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرى يېقىندا يەرشارىدىكى تۈنجى 3D خىزمەت بىناسىنى سالىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن. بۇ بىنا بىر قەۋەتلىك بولۇپ، 185 كىۋادرات مېتىر يەر ئىگىلەيدىكەن. بۇ بىنا ئېگىزلىكى تەخمىنەن ئالتە مېتىر كېلىدىغان 3D بېسىش ماشىنىسىدا بېسىپ چىقىرىلغان ماتېرىياللارنى قۇراشتۇرۇش ئارقىلىق ھاسىل بولىدىغان بولۇپ، بىنا ئىچىدىكى ئەسلىھەلەرنىمۇ 3D بېسىش ماشىنىسى بېسىپ چىقارغان ئىكەن. بۇ بىناغا مەسئۇل خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، 3D بېسىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ بىنا سالغاندا، خام ئەشيا ۋە ئادەم كۈچىنى زور دەرىجىدە تىجەپ قالغىلى بولىدىكەن.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved