ئامېرىكا «فوربېس» ژۇرنىلى تور بېكىتى 26-ئاپرىل «جۇڭگوغا ئەڭ بەك تايىنىدىغان 10 دۆلەت ۋە رايون» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە ھازىر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېىشىش ئاستىلاپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ئېكىسپورت كەسپى جۇڭگوغا تايىنىدىغان بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ بەزى ئىگىلىكلىرىنىڭمۇ كەسپىي نەتىجىسى سەل تۆۋەنلەپ قالغان، مەيلى جۇڭگونىڭ يېنىدىكى تەيۋەن بولسۇن ياكى ئوكيان بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان يىراقتىكى ئاۋستىرالىيە بولسۇن ھەممىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئىگىلىنىشىچە بۇ دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مالىيە ئەھۋالىمۇ ئېكىسپورت مىقدارىنىڭ ئازىيىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. تۆۋەندىكىلەر فوربېس ژۇرنىلى تىزىپ چىققان جۇڭگوغا ئەڭ بەك تايىنىدىغان ئون دۆلەت ۋە رايوندىن ئىبارەت:
10. ھىندونېزىيە، جۇڭگو ھىندونېزىيە ئېكىسپورتىنىڭ تەخمىنەن 10%ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ ھىندونېزىيە GDP سىنىڭ ئىككى پىرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ.
9. تايلاند، جۇڭگو تايلاند ئېكىسپورتىنىڭ 12%ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ تايلاند GDP سىنىڭ 7%ىگە توغرا كېلىدۇ.
8. مالايسىيا، جۇڭگو مالايسىيا ئېكىسپورتىنىڭ 12%ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ تەخمىنەن مالايسىيا GDP سىنىڭ 10%ىگە توغرا كېلىدۇ.
7. بىرازىلىيە، جۇڭگو بىرازىلىيە ئېكىسپورتىنىڭ 18%ىنى ئىگىلەيدۇ، يەنى «بىرازىلىيىدە ئىشلەنگەن» دەپ خېتى بار تاۋارلارنىڭ چەتئەلدىكى ئەڭ چوڭ بازىرى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن GDP جەھەتتىن ئېيتقاندا، جۇڭگوغا بولغان ئېكىسپورتى GDP نىڭ پەقەت 2%ىگە توغرا كېلىدۇ.
6. پېرۇ، جۇڭگو پېرو ئېكىسپورتىنىڭ 19%ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ پېرۇ GDP ىنىڭ 4%ىگە توغرا كېلىدۇ.
5. ياپونىيە، جۇڭگو ياپونىيە ئېكىسپورتىنىڭمۇ 19%ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ ياپونىيە GDP سىنىڭ 3%ىگە توغرا كېلىدۇ.
4. چىلى، جۇڭگو چىلى ئېكىسپورتىنىڭ 23%ىنى ئىگىلەيدۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چوڭ كۆلەملىك مىس سودىسى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، جۇڭگوغا بولغان ئېكىسپورتى چىلى GDP سىنىڭ 8%ىنى ئىگىلەيدۇ.
3. كورىيە، گەرچە ھازىر جۇڭگو ئىقتىسادىي چېكىنىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن جۇڭگو كورىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى مۇقىم قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو كورىيە ئېكىسپورتىنىڭ 25%ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، تەخمىنەن كورىيە GDP سىنىڭ 11%ىگە باراۋەر كېلىدۇ.
2. تەيۋەن، تەيۋەننىڭ ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ 26%ى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئېكىسپورت قىلىنىدۇ، تەيۋەننىڭ 16% ئىگىلىكى جۇڭگوغا تايىنىدۇ.
1. ئاۋستىرالىيە، ئاۋستىرالىيىنىڭ تۆمۈر كېنى سەۋەبلىك جۇڭگونىڭ ئاۋستىرالىيە ئېكىسپورتىدىكى ئۈلۈشى 34%كە يەتكەن، بۇ ئاستىرالىيە GDP سىنىڭ تەخمىنەن 6%ىنى ئىگىلەيدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved