جاھان ئاگېنتلىقى 8-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەننىڭ پايتەختى سەنئادا شىئە ھۇسىيلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆيىگە قامالغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مەھمۇد سۇبەيھى ئۆيىدىن غەلبىلىك قېچىپ ئەدەن رايۇنىغا كەتتى.
ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مەھمۇد سۇبەيھى، پايتەخىت سەنئادىكى ئۆيىدە ھۇسىيلەرنىڭ كونتروللىقى ئاستىدىن غەلبىلىك قېچىپ، شىئە ھۇسىيلەرگە قارشى كۈچلەر كۆپ سانلىقنى ئىگەللىگەن جەنۇبتىكى ئەدەنگە يىتىپ باردى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سۇبەيھىگە ھەمراھ بولغان 6 كىشى سەنئا بىلەن ئەدەن ئارىسىدىكى تائىز رايۇنىدا ئۆلتۈرۈلدى. بۇ كىشىلەرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تېخىچە نامەلۇم. مۇداپىئە مىنسىتىرى سۇبەيھى يولدا بىرەر پالاكەتكە ئۇچرىماستىن ئەدەنگە سالامەت يىتىپ كەلدى.
يەمەن پرېزىدېنتى مەنسۇر ھادى دەسلەپ ئىستىپانە سۇنغان، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئىستىپانامىسىنى قايتۇرۋالغان، ھادىمۇ ئوخشاشلا سەنئادىكى ئۆيىدە ھۇسىي شىئەلەر تەرىپىدىن قامال قىلىنغان بولۇپ، ئۆيىدىن غەلبىلىك قېچىپ چىقىپ ئەدەن رايۇنىغا بارغان، ئۇ ئەدەنگە بارغاندىن كېيىن بىر قانچە رايۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئاقساقاللىرى بىلەن سۆھبەتلشىپ يىغىن ئاچقان.
يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئەدەن رايۇنىدا 15-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن «كىڭەيتىلگەن مىللى ئۇچرىشىش» يىغىنىدا ھەر قايسى تەرەپلەر، «سەنئادىن باشقا بىر رايۇننىڭ پايتەخىت قىلىنىش»غا چاقىرىق قىلغان ئىدى. ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتتىن بۇ قارارنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەمما ھادىينىڭ پايتەختنى ئۆزگەرتىش پىلانى ئاساسى قانۇندا ئېنىق ئۆزگەرتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە يەمەندىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن پارلامېنت تىخى توپلانمىدى. بۇ ئەھۋالدا قولتۇق دۆلەتلىرى ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەر سەنئادىكى ئەلچخانىسىنى ئەدەن رايۇنىغا يۆتكەشنى قارار قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر خەۋىپسىزلىك كېڭىشى، 16-فېۋرال يەمەن پايتەختى سەنئادا، ھۆكۈمەت ۋە بخەتەرلىك ئورگانلىرىنى كونترول قىلىۋالغان شىئە ھۇسىيلەرنى، بۇ ئورگانلاردىن قۇراللىق كۈچلىرىنى چېكىندۈرۈشنى ۋە سىياسى رەھبەرلەرنى شەرتسىز قۇيۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved