جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شېركىتى بېيجىڭ شۆبىسىنىڭ سابىق مۇدىر، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى داچۇەن، 2004- يىلى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىركىتىنىڭ بازار تىجارەت بۆلۈمى سېتىش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان مەزگىلىدە، بىر ئېلان شىركىتىنىڭ خېرىدار بولۇشىغا ياردەم بېرىپ 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن نەپ ئالغان دەپ ئەرز قىلىندى. تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، پارا يېيىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغان لى داچۇەن چاۋياڭ خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلاندى، ئۇ جىنايىتىنى تونۇدى.
لى داچۇەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش مەزگىلىدە ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇپ، ھارام پۇلنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بەرگەن. تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپى ئۇنى دۆلەت خىزمەتچىسى تۇرۇپ، ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالغان، ۋە سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغان، شۇڭا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك دەپ قارىغان.لى داچۇەن ئەينى چاغدا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلىقىنى، 60 كۋادرات مېتىرلىق ئۆيدە تۇرىدىغانلىقىنى، ئۆي سېتىۋالماقچى بولغاندا ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگە ئازراق نەپ يەتكۈزگىسى بارلىقىنى، شۇ سەۋەب بىلەن پۇل سورىماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved