23-ئاپرېل، 19-قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ‹‹كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى›› ۋە ‹‹كىتاب ساقلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى ›› دېگەن تېمىلاردا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى .
كورلا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەردىن كۆرۈنۈش
دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ھەمدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە ، ئونسۇ ناھىيە گۈلئاۋات يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن ئاقسۇ شەھىرىدىكى ‹‹ئۈمىد›› كىتابخانىسى بىرلىكتە 23-ئاپرېل كىتاب ئوقۇش ۋە كىتاب سېتىۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى .
23-ئاپرېل ئونسۇ ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش
گۇما ناھىيە سانجۇ يېزىلىق 1-باشلانغۇچ مەكتەپ 23-ئاپرېلدىكى ‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى›› نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 20-ئاپرېلدىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا «ھەممەيلەن كىتاب ئوقۇش خۇشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولايلى» ۋە ‹‹گۈزەل جۇڭگو . مېنىڭ ئارزۇيۇم » تېمىلىرىدا كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى .
21-ئاپرېل، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ھويلىسىدا كىتاب ئوقۇماقتا
23-ئاپرېل ، يوپۇغا ناھىيە يەكشەنبە بازار يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ‹‹كىتاب ئوقۇسام خۇشاللىققا چۆمىمەن ›› تېمىسىدا كىتاب سوۋغا قىلىش ، كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرىنى سۆزلەش ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ ، 19-قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىنى خاتىرىلىدى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved