يەرشارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان جامائەتچىلىكنىڭ نەزىرىدە بىر قەدىمىي، سىرلىق، ئۇرۇش كونسېرۋاتىپ دۆلەت بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ سىرلىق دۆلەتنىڭ ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى بىلىپ باققۇسى كېلىدۇ. ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2012-يىلى، فىرانسىيەلىك فوتوگراف ئېرىك لاففورگو نۇرغۇن مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ، ئاخىرى بۇ دۆلەتتە 15 كۈنلۈك ساياھەت ۋىزىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ فوتوئاپپاراتى ئارقىلىق شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ھالىتىنى خاتىرىلەپ، بۇ قەدىمىي ۋە سىرلىق دۆلەتنىڭ چۈمبەردىسىنى ئاچقان.
ئىگىلىنىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چېگرىدىن كىرىش بەلگىلىمىسى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، توي قىلمىغانلارنىڭ يالغۇز چېگرىدىن كىرىشى مەنئىي قىلىنىدىكەن، 30 ياشقا توشمىغان ئاياللار چوقۇم ئېرى ياكى قېرىندىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا چېگرىدىن كىرەلەيدىكەن. چېگرىدىن كىرگەندىن كېيىن چوقۇم ئەرەبلەرنىڭ ئۇزۇن نىمچىسىنى كىيىشى زۆرۈركەن. بۇنىڭدىن باشقا، ساياھەتچىلەر سەئۇدى ئەرەبسىتانغا كىرمەكچى بولسا، چوقۇم شۇ يەردىكى ساياھەت ئىدارىسى ياكى باشقا ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ كېپىللىكىگە ئېرىشىشى كېرەككەن، بولمىسا كىرگۈزۈلمەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved