پارس قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئىشەنچىسى ئاجىزلىشىشىغا باشلىدى

ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇقىدىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولغان پارس قولتۇقى رايونىدىكى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى، بۇنىڭ بىلەن پارس قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەر ئامېرىكىغا بولغان ئىشەنچىسى ئاجىزلىشىشىغا باشلىدى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا ئالتە دۆلەتنىڭ ۋەكىلى 14-ماي ئامېرىكىنىڭ داۋىد لاگېرىدا بىر كۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، رايون بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دېڭىز ئوكيان بىخەتەرلىكى، تور بىخەتەرلىكى ۋە تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەردە چوڭقۇر مۇزاكىرە ئىلىپ باردى. سۆھبەتتىن كىيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا بىلەن پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا ئالتە دۆلەت بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى. گەرچە ئوباما سۆھبەتتىن كىيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇ قېتىمقى باشلىقلار سۆھبىتىدە ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ناھايىتى مۇستەھكەم بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بىراق، تۈرلۈك ئامىللار، ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇنداق مۇستەھكەم ئەمەسلىكىنى، بىر بىرگە بولغان گۇمانلارنىڭ تۈگىتىلمىگەنلىكى ئايان بولغان.
ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى، نۆۋەتتە، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت ناھايىتى جىددىي ئىلىپ يېرىلماقتا، ئامېرىكا بىلەن ئىران كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا يېقىنلىشىپ، ئۇزۇن يىل تالاش تارتىش قىلىپ كېلىۋاتقان يادرو مەسىلىسىدە 6-ئاينىڭ 30- كۈنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇددەتتىن بۇرۇن بىر ئېنىق يول جىرىتىش بارلىققا كېلىشى مۇمكىن. پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىران بىلەن قوشنا بولسىمۇ، ئىران بىلەن ئىزچىل تۈردە ئەپ ئۆتمەي كەلگەنلىكتىن، ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ.
ئەرەب تاراتقۇلىرى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەت ، لىۋان ئاللاھ پارتىيەسى ، پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماس ، يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى قاتارلىقلارنى قوللاۋاتقانلىقىغا سەل قارىغانلىقىدىن ئىنتايىن نارازى بولۇپ، ئامېرىكىدىن پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى، ھەمدە كەلگۈسىدە ئامېرىكا بىلەن پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنى توغرىسىدا قارار چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى. بىراق ئوباما پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرنى ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن يېقىنلىشىشىنىڭ رايون كۈچىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقىغا قايىل قىلالمىدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك تەلىپىنى قاندۇرالمىدى. بۇ قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستانى، بەھرەين، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئاماندىن ئىبارەت پارس قولتۇقىدىكى تۆت دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى داۋىد لاگېرىدىكى باشلىقلار سۆھبىتىگە قاتناشمىدى، ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا بۇ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونى سىياسىتىنى تەڭشىشىگە بولغان بىر خىل توسقۇنلۇق قىلىش ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش بولۇپ ھېسابلاندى.
باشلىقلار سۆھبىتىدە، ئامېرىكا، پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، سىرتنىڭ پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە بولغان تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئامېرىكا پارس قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي ئىشلار جەھەتتە كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىشىدۇ، ئىككى تەرەپ يەنە ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە سام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش، سۇرىيە ۋەزىيىتى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن توقۇنۇشىدا پىكىر ئالماشتۇردى. بىراق مىسىردا چىقىدىغان سەھەر گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر ئوباما ھۆكۈمىتى بەرگەن ھەر قانداق ۋەدىلىرىگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالغان.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: زۇڭتۇڭ ئوباما داردا ماڭماقتا، چۈنكى ئامېرىكا پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرگە بەرگەن ياردىمى، ياپونىيە بىلەن كورېيەگە ئوخشاش بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئەمەس، شۇنداقلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئوخشاش تەلىپىنى قاندۇرۇش بولماستىن، بەلكى تېخىمۇ كۆپ ھەربىي قۇرال جابدۇق بىلەن تەمىنلەش ۋە مەشىق قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر گەرچە ئوبامانىڭ ۋەدىسىنى قارشى ئالغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا بۇنىڭدىن گۇمانلانماقتا.
مىسىردىكى مۇستەقىل تاراتقۇ بولغان ئىلەيف ئاخبارات تورنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى ئالىمى سەئۇدى سالىھنىڭ قارىشىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر ئىراننىڭ سەمىمىيىتىگە ئىشەنمەيدىكەن، ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇپ، بۇ رايونغا تەھدىت پەيدا قىلىشتىن ئەندىشە قىلىدىكەن، گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، داۋىد لاگېرى باشلىقلار سۆھبىتىدە ئامېرىكا بىلەن پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى. پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە بىرلىشىشنى كۈچەيتىپ، بارغانسېرى مۇستەقىل بولدى، ئامېرىكا بۇنىڭغا ماسلىشىشىغا موھتاج بولماقتا.



خەتكۈچلەر:
21-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-04-2016
    2016- يىلى 27- ئاپرېل دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭيى دىياۋيۈ دۆلەتلىك مېھمانسارىيىدا ئاسىيا ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىر يىغىنى 5-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقىلى دۆلىتىمىزگە كەلگەن قىرغىزىستان...
28-04-2016
    ئاۋسترالىيە قىتئەسى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بىر تۈرلۈك ئەلرايىنى سىناش نەتىجىسىدە نامايان بولۇشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت 5 دىن 1 كىشىلەرلا بۇ دۆلەتنىڭ سابىق زۇڭلىسى Kevin...
28-04-2016
     ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتى كىلىنتون ھىلارى ئەگەر ئامېرىكا سايلىمىدا غەلىبە قىلسا، ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پىرېزىدېنت بولۇپلا قالماي يەنە رەھبەرلىكىدىكى ئىچكى كابېنتنىڭ يېرىمغا يېقىن ئەزاسى ئاي...
28-04-2016
    چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى 26-ئاپرېل بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قىز، ئاياللارنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېلەر يىلدىن باشلاپ ھىندىستاندا سېتىلدىغان بارلىق يانفونلارغا جىددىي ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، موسكۋا ۋاقتى 28-ئاپرېل 5:01 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 10:01 مىنۇت) رۇسىيە يېڭى شەرق ئالەم قاتنىشى راكېتا قويۇپ بېرىش مەيدانىدا تارىختا ...
28-04-2016
     «دەۋر» ژۇرنىلى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوللىۋود كىنو چولپىنى ۋە ئامېرىكا تېررورلىققا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى Quanticoنىڭ باش رولچىسى پرىيانكا چوپرا ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ ...
28-04-2016
   ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 24-ئاپرېل ھاراقچىلىق كەسپى ماگناتى ۋىجاي مالىئانىڭ پاسپورتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى دەلىللىدى. ۋىجاي مالىئا بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق قەرز بولۇپ قېلىپ، ئالدىنقى ئايدا چەتئەل...
28-04-2016
    ئوتتۇرا شەرقتە مالىمانچىلىق توختىمايۋاتقان، ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى ئاۋازغا قويۇشقا دۇچ كەلگەن، گېرمانىيە مۇساپىرلار سىياسىتىنىڭ قىينىشىغا چوڭقۇر ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇش...
28-04-2016
    ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى Facebookدا شەخىسلەرنىڭ شەخسىي ماتېرىيالى، باش سۈرىتى، ئەھۋالىنىڭ يېڭىلىنىشى، شۇنداقلا ئابونتلارنىڭ دوستلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلىرى كۆرسىتىلىدۇ. ئەمما ئابونتلارنىڭ مەزكۇر تورغا بولغان ئىش...
28-04-2016
   شۇ جاي ۋاقتى 27-ئاپرېل، ئەنگىلىيە لوندوندا شەھەر ئاھالىلىرى قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ سىرتىدا ماسكا تاقىغان ھالدا يەردە جەسەتتەك يېتىپ ھاۋا بۇلغىنىشقا قارشى ئېتىراز بىلدۈرگەن. «ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەرنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىش» نى تەش...
Powered by Leglek