شىنخۇا تورى 30- دېكابر خەۋىرى
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىق قىلغان كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى 30- دېكابر بەھرەيىننىڭ بىر دانە F-16 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ سەئۇدى ئەرەبسىتان چېگرا رايونىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۇچقۇچىنىڭ ئايروپىلاندىن سەكرەپ ئامان قالغانلىقىنى جاكارلىغان.
كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: بۇ ئۇرۇش ئايروپىلانى تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن چېگرىسىغا يېقىن جىزان ئۆلكىسى تەۋەسىگە چۈشۈپ كەتتى.
بەھرەين ئارمىيە تەرەپ 29- دېكابر ئۈچ نەپەر بەھرەيىن ئەسكىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبسىتاننىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا قازا قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.
بۇ يىل 3- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن باشلاپ سەئۇدى ئەرەبسىتان باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى يەمەندىكى ھۇسسى قوراللىقىرىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندىن بۇيان، بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئادىمى قازا قىلغان، بۇلارنى ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبسىتان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەسكەرلىرى ئەڭ كۆپ بولغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved