لى كېچياڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر زۇڭلىلىرىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

         لى كېچياڭ يىغىنغا قاتناشقا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 15-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن جېنجۇ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر زۇڭلىلىرىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر بىلەن يېڭى ۋەزىيەتتە قول تۇتۇشۇپ، سىرتتىن كېلىدىغان خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئۇسۇلىنى چوڭقۇر مۇزاكىرىلەشتى. روسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ، قازاقىستان زۇڭلىسى مەسىموۋ، قىرغىزىستان زۇڭلىسى سارىيېۋ، تاجىكىستان زۇڭلىسى راسۇلزودا، ئۆزبېكىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى ھاجىموف ۋە پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف، ئافغانىستاننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئابدۇللا، موڭغۇلىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئولۇن باتېر، ھىندىستاننىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى سېنگې، ئىراننىڭ ئالاقە مىنىستىرى ۋايېس، بېلوروسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەكىلى قاتارلىق كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 14 يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن ئەگىر توقايلىقلارنى بېسىپ ئۆتتى، باشتىن-ئاخىر باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆز ئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى ئومۇمىي نىشان قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش، رايون مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىل 7-ئايدا ئۇفا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2025-يىلغىچە بولغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى»نى ماقۇللاپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىق لىنىيە خەرىتىسىنى پىلانلاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى كېڭەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى.



خەتكۈچلەر:
16-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek